مەنبە: تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى كۈتۈۋېلىش مېھمانسارايلىرىغا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ۋە تەربىيەلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىي ۋىۋىسكا ئېسىلغان 18 كۈتۈۋېلىش مېھمانسارىيى ۋە 20دىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالىغان مېھمانساراي 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ سودىگەرلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.
ئىگىلىنىشىچە، كۈتۈۋېلىش مېھمانساراي (مېھمانخانا)لىرى يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى، تازىلىق مۇھىتى، مۇلازىمەت سۈپىتى، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىدار ئۆلچەمگە يېتىشى كېرەك ئىكەن. باھالاش خىزمىتى گۇرۇپپىسى «بىخەتەر، تېجەشلىك، ئەمەلىي بولۇش»تىن ئىبارەت كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، ھەر قايسى مېھمانساراي (مېھمانخانا)لارنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ياتاق، ئاشخانا، ئوت ئۆچۈرۈش مەركىزىدىكى مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى، يېمەكلىك ساقلاش ۋە ئەۋرىشكە قالدۇرۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ھالقىلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن نەق مەيداندا مېھمانساراي (مېھمانخانا)لارنىڭ ئاساسىي مۇھىتى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى، مۇلازىمەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى 16 تۈرگە ئۇنىۋېرسال نومۇر قويدى، پۈتۈن جەريان ئوچۇق-ئاشكارا بولدى. ھازىر كۈتۈۋېلىش مېھمانساراي (مېھمانخانا)لىرىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق تاماملاندى.
سىجىل مۇكەممەللىشىۋاتقان قاتتىق دېتال يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچى غەربىي شىمال نېفىت مېھمانسارىيى كۆپ قېتىم جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى كۈتۈۋېلىش مېھمانسارىيى بولۇپ قالدى. بۇ مېھمانساراينىڭ ئىجرائىيە باش دىرېكتورى چېن جيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مېھمانسارىيىمىز كۈتۈۋېلىش لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم ئەلالاشتۇردى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى، ياتاق بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتتى.
8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مېھرىگۈل تۇرسۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرىلىقى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى بەلگىلەنگەن كۈتۈۋېلىش مېھمانساراي (مېھمانخانا)لىرىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، كۈتۈۋېلىش مېھمانساراي (مېھمانخانا)لىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئوبرازىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مېھمانساراي (مېھمانخانا)لارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشىغا نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىپ، مېھمانساراي (مېھمانخانا)لارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، تازىلىق، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق تۈرلۈك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، مېھمانلارنىڭ ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.