تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ساياھەت بايرىمى قىزىپ كەتتى! يېزا-كەنتلەرنىڭ سېھرىي كۈچى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

      مەنبە: ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى 5-نۆۋەتلىك يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى كۈتۈۋالدى. بۇ كۈنى، پۈتۈن يېزىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق قىزغىن كەنت ئاھالىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا خۇشال-خۇرام، ئىناق، ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن يۆگىمە رەسىم نامايان بولدى.

    تۆۋەنكى قۇرباغ كەنتى بۇ قېتىمقى ساياھەت كۈنى پائالىيىتىگە مۇھىم قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا خاس يايما ئورنىدىن توققۇزنى پائال تەسىس قىلىپ، مول، رەڭدار يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى نامايان قىلدى. 

   پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى بىرتۇتاش كىيىم-كېچەك، سەھنە جابدۇقى، ئېلان تاختىسى ۋە پىلاكات بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ھەربىر يايما ئورنىغا 100 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى يەنە «غەربكە ساياھەت» باش تېما قىلىنغان كىيىملەرنى ئالايىتەن سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بۇ كىيىملەرنى كىيىپ رول ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پائالىيەتكە بىر ئۈلۈش قىزىقارلىق تۇيغۇ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

    بۇ قېتىمقى ساياھەت كۈنى پائالىيىتى ئارقىلىق، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى ئۆزىنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى سىرتقا نامايان قىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

(ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن لى يانەن، ئىختىيارىي مۇخبىر قۇربانجان سىدىق، ما يۈجوۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.