تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ سۈتى ئىلىدىن پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

«بۇ، مەن ئىچىپ باققان ئەڭ ياخشى قېتىق!» 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو سەپىرى . شىنجاڭ سەھىپىسى» پائالىيىتىگە قاتناشقان داڭلىق تور چولپانلىرى ئىلى يىمۇشىن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىمۇشىن سۈتچىلىكى» دېيىلىدۇ)گە كەلدى، گۇاڭدۇڭلۇق داڭلىق تور چولپىنى «گۇيەن مۇچەن» بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئەسلىي تەمدىكى قېتىقنى تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

شەندۇڭدىن كەلگەن «تۇشو شىجيې»نىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ جىنگاڭ ئەسلىي تەمدىكى قېتىقنى تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى تېخىمۇ توختىتالماي، كەينى - كەينىدىن ئالتە خالتا ئىچتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ كالا سۈتىنىڭ تەمى ئۆزگىچە ئىكەن».

داڭلىق تور چولپانلىرى تەرىپىدىن تەرىپلەنگەن بۇ قېتىق ۋە ساپ سۈت ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان. يىمۇشىن سۈتچىلىكى كۆچمە سۈت سېغىش ئاپتوموبىلىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ، 18 تۈرلۈك پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ، يايلاقتا سۈت كالىلىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ يايلىتىپ ئىز قوغلاپ سېغىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يىمۇشىن سۈتچىلىكى بىر قىسىم يېڭى سۈتنى چارۋىچىلاردىن سېتىۋالىدۇ، بىر قىسمى ئۆزىنىڭ چارۋىچىلىق فېرمىسىدىكى ئىنەكلەردىن سېغىلىدۇ. ھەر كۈنى تەخمىنەن 60 توننا يېڭى سۈت ئارقا - ئارقىدىن ھەرقايسى بۆلەك رايونلاردىن ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا توشۇلۇپ، قېتىق قاتارلىقلار پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.

«ھەر كۈنى تەخمىنەن 40 توننا سۈت مەھسۇلاتى شىنجاڭنىڭ سىرتىغا سېتىلىدۇ، 20 توننىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە سېتىلىدۇ.» يىمۇشىن سۈتچىلىكىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ جىڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز جياڭسۇ، شاڭخەيدىكى پۇقراۋى كاپىتال بىلەن بىرلىكتە يىمۇشىن تەمىنلەش زەنجىرى (نەنجىڭ) چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، نەنجىڭدا ئالدىن ساقلاش ئامبىرى بازىسى تەسىس قىلىپ، ئالدىن ساقلاش بازىسى ئارقىلىق كالا سۈتىنى پۈتۈن مەملىكەتكە ساتىدۇ.

يىمۇشىن سۈتچىلىكى 2019 - يىلى قۇرۇلۇپ، 2020 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان، 2022 - يىلى 3 - ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ھەممىگە مەلۇمكى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا مەملىكەت بويىچە سۈتچىلىك بازىرىدا رىقابەت كەسكىن بولدى، پەقەت شىنجاڭدىلا تيەنرۇن، شىيۈچۇن، خۇايۈەن، رۈييۈەن، نەندا قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار بار، قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان يىمۇشىن سۈتچىلىكى قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا كىرەلىدى؟

«بىرىنچىدىن، ئىلى تەبىئىي ئوتلاق جەھەتتە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئىككىنچىدىن، ئىلى چارۋىچىلىق تەرەققىيات چوڭ رايونى، شۇنداقلا شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى ئەڭ كۆپ بېقىلىدىغان رايون» دەپ چۈشەندۈردى شۈ جىڭ.

شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تاللاپ يېتىشتۈرگەن يەرلىك ئەلا نەسىل بولۇپ، سۈتى ۋە گۆشىدىن تەڭ پايدىلانغىلى بولىدىغان نەسىللىك كالا ھېسابلىنىدۇ. «ھولستېين سۈت كالىسى، ئانگۇس كالىسى، سىمېنتال كالىسىغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ جۇغى كىچىك، سۈت مىقدارى تۆۋەن، لېكىن سۈت تەركىبىدىكى قايماق ۋە ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى.» ئاپتونوم رايونلۇق سۈتچىلىك كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى گو تۇڭجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا 2 مىليون قوڭۇر كالا بار، سۈتى ۋە گۆشىدىن تەڭ پايدىلانغىلى بولىدىغىنى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتايغا تارقالغان. يىمۇشىن سۈتچىلىكى پەرقلىق رىقابەت ئەۋزەللىكى ئۈستىدە ئىزدەندى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ سۈتى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىنى ئىگىلىيەلەيدىغان مۇنەۋۋەر گېنغا ئىگە.

ساھەلەر ئىچىدە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا دۆلەت ئىچىدىكى پەرقلىق رىقابەت يولىغا ماڭغان جېرسېي كالىسى سۈتى، قوتاز سۈتى، سۇ كالىسى سۈتى قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە بازار ئاچتى. «يىمۇشىن سۈتچىلىكىنىڭ شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، داڭلىق ماركا يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى گو تۇڭجۈن.

شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى سۈتى داڭلىق ماركىسىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن، يىمۇشىن سۈتچىلىكى ئىلى دەريا ۋادىسى رايونىدىكى «شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى»نى كۆپەيتىش مەيدانى بىلەن نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانىنى بىرلەشتۈرۈپ، قوڭۇر كالا سۈتىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، «شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى» جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلدى، 2023 - يىلى يەنە 1 - نۆۋەتلىك ئىلى . شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى كەسپى تەرەققىيات يىغىنى ئۆتكۈزدى.

شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ رايون داڭلىق ماركىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، يىمۇشىن سۈتچىلىكى «شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى»نى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى ھەم «مەن ئىلىدىن كەلدىم» رايون ماركىسىنى ئىلتىماس قىلدى.

نۆۋەتتە، يىمۇشىن سۈتچىلىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، خۇانەن، خۇابېي، شەرقىي جەنۇب ھەم نەنجىڭدىن ئىبارەت بەش چوڭ سېتىش رايونى تەسىس قىلدى، مەملىكەت بويىچە 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە 238 سېتىش سودىگىرى، 30 مىڭدىن ئارتۇق تور سىرتىدا سېتىش دۇكىنى بار.

ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش يوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يىمۇشىن سۈتچىلىكى يەنە يېڭى تاراتقۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت كوللېكتىپى قۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تيەنماۋ، جىڭدۇڭ، دوۋيىن ھەم مەھەللە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق يېڭى پارچە سېتىش بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش سۇپىلىرىدا بايراقدار دۇكان ئاچتى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يىمۇشىن سۈتچىلىكى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسى 134 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 2022 - يىلى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسى 36 مىليون 290 مىڭ يۈەن بولغان، 2023 - يىلى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسى 66 مىليون 50 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، 2024 - يىلى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسى 31 مىليون 940 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %151 ئاشقان.

«دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتتىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش مىقدارى يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن، كەلگۈسىدىكى بازار تىجارىتىدە يەنە ناھايىتى زور ئېشىش بوشلۇقى بار.» داشۆنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن داڭلىق تور چولپىنى «ماشۇ بوبى» مۇنداق بىلدۈردى: يىمۇشىن سۈتچىلىكىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، پەرقلىق رىقابەت ئارقىلىق كەسىپتىكى يېڭى ماھىرلاردىن بولۇپ قالدى، كەلگۈسى تەرەققىياتى پارلاق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.