تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تۈر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 68 مىليارد 550 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان.

بۇنىڭ ئىچىدە، كېرىيە ناھىيەسى تۇمىيا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، G30 شىڭشىڭشيا - قومۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى، قومۇلنىڭ شىمالىدىكى 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يانداش ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، 2024 - يىللىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ تۈرى قاتارلىق 50 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى.

شىنجاڭ چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، لەنجوۋ − شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ − ئالاتاۋ بۆلىكى 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى، چۆچەك − شىخو 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى خېيشەن ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى تۈرى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يولغا قويۇش تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايون جەمئىي 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 430 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويغان بولۇپ، يىل ئىچىدە 350 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.