تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

1- ئايدىن 5- ئايغىچە جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگەن- چىققانلار 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

  2024- يىلى جۇڭگو- قازاقىستان ساياھەت يىلى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چېگرا ھالقىپ قۇرغان جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، چېگرا ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، مال سېتىۋېلىش ساياھىتى بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگەن- چىققانلار 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %148 ئاشتى.

  جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى دۆلىتىمىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق رايونى. جۇڭگونىڭ 3.43 كىۋادرات كىلومېتىر، قازاقىستاننىڭ 2.17 كۋادرات كىلومېتىر پىلانلىشى بىلەن چېگرا ھالقىپ قۇرۇلغان. ھازىر بۇ يەرگە 200دىن ئارتۇق باج كەچۈرۈم قىلىنغان كارخانا، 1000دىن ئارتۇق سودىگەر ماكانلاشتى، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 10 مىڭ خىلغا يېقىن تاۋىرى يىغىلدى. ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ۋە ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرى ۋىزا بېجىرمەي، پاسپورت ياكى چېگرىدىن كىرىش- چىقىش يول خېتى بىلەنلا ئەركىن كىرىپ- چىقىپ سۆھبەتلىشەلەيدۇ، سودا قىلالايدۇ، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى يەنە 8000 يۈەنلىك باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، كىيىم- كېچەك، ئاياغ، باش كىيىملىرى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، گىرۇزىيە، شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېمەكلىك، قەھۋە، قىزىل ھاراق قاتارلىق خاس تاۋارلىرىمۇ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. (باش ئىستانسا مۇخبىرى سۈي نىڭ، لى چياڭ)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.