تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلسا قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولامدۇ؟ قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىكى تەكشۈرۈپ چىقىلسا ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ؟

   «بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئائىلىمىزدە يودلۇق تۇز يېمەيدىغان بولدۇق.»  

   «دوختۇرخانىغا بېرىپ مەندە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىكىنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدىم، بۇ تەرەققىي قىلىپ قالقانسىمان بەز راكىغا ئايلىنامدۇ؟»

    …

   بۇ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان يوغىناش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، بۇ توغرىسىدىكى ھەر خىل سۆزلەر ئىزچىل بەس مۇنازىرە قىلىنىپ كەلمەكتە، ئۇ دەل «كېپىنەك قاتىل» دەپ ئاتالغان قالقانسىمان بەز راكى. بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتىدە، بەزىلەر راك بىلەن بىللە ياشىيالايدۇ، بەزىلەرنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى «راك پادىشاھى»دىن قېلىشمايدۇ. 

   يېقىندا، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى باش-بويۇن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ شاۋيەن، باش-بويۇن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەن چاڭمىڭ قالقانسىمان بەز راكىغا ئائىت گۇمانلارغا جاۋاب بەردى. 

   قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىكى تەكشۈرۈپ چىقىلسا ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ؟ 

   قالقانسىمان بەز ئادەم بەدىنىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىچكى ئاجراتما ئەزاسى، ئۇنىڭ شەكلى خۇددى بىر كىچىك كېپىنەككە ئوخشايدىغان بولۇپ، بويۇن قىسمنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئاۋاز پەردىسىنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسى ۋە ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 

   قالقانسىمان بەزدە ئاسانلا تۈگۈنچە ۋە ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئۇلترا ئاۋازدا تەكشۈرسە، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئادەمدە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىكى بارلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. 

   بايقالغان تۈگۈنچىلەرنىڭ %95تىن كۆپرەكى ياخشى سۈپەتلىك بولۇپ، دورا يېمىسىمۇ، ئوپېراتسىيە قىلمىسىمۇ بولىدۇ، قەرەللىك، پات-پات تەكشۈرۈتۈپ تۇرسىلا بولىدۇ. 

   لېكىن، يەنە بىر قىسىم تۈگۈنچىلەر بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئەگەر 6 ~ 5 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، كاناي، قىزىلئۆڭگەچنى بېسىۋېلىپ، نەپەس ئېلىشتا قىينىلىش، تاماق يېگەندە توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىدۇ. 

   بۇنىڭدىن باشقا، ئاز ساندىكى %5كىمۇ يەتمەيدىغان تۈگۈنچە، يەنى بىز دەۋاتقان «قالقانسىمان بەز راكى»دۇر. 

   يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلسا قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، بۇ راستمۇ؟ 

   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دېڭىز بويى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق قاتارلىق نۇرغۇن رايونلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قالقانسىمان بەز راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بىلەن يودنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقى بايقالغان. 

   بىراق، يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، چوڭلارنىڭ ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان يود مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 150 مىكروگىرام بولۇشى، ھامىلىدارلار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئۇنىڭدىن كۆپرەك بولۇشى (200 مىكروگىرام) تەۋسىيە قىلىنىدۇ. 

   قالقانسىمان بەز راكى نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا تېخىمۇ «ئامراق»؟ 

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قالقانسىمان بەز راكى شەھەر ئاياللىرى ئىچىدە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەڭ يۇقىرى بولغان راك كېسەللىكىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 2022-يىلى يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاياللار ۋە ئەرلەردىن قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولغانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 341 مىڭ 200 ۋە 124 مىڭ 900 بولۇپ، ئاياللارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش سانى ئەرلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 

   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاياللارنىڭ بىر ئۆمرىدە ھەيز كۆرۈش، ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى ئۆزگىرىش ھەمدە تۇغۇتنىڭ ئالدى-كەينىدە ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىرقەدەر چوڭ بولىدىكەن، بۇ ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، روھىي بېسىمنىڭ ئېغىر بولۇشى، كەيپىياتنىڭ تۇراقسىز بولۇشىمۇ ئاياللاردا قالقانسىمان بەز كېسىلىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەب ئىكەن. 

   قالقانسىمان بەز راكى قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ داۋالىنىش ئۈنۈمى قانداق؟ 

   قالقانسىمان بەز راكىنى چوڭ جەھەتتىن تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بۇنىڭ ئىچىدە، %90تىن كۆپرەكى قالقانسىمان بەز ئەمچەك توپچىسىمان راكى؛ ئاز بىر قىسمى پۈۋەكچىسىمان راك، يىلىكسىمان راك، بۆلۈنمىگەن راك. 

   قالقانسىمان بەز ئەمچەك توپچىسىمان راك، پۈۋەكچىسىمان راك يەنە بۆلۈنۈش تىپىدىكى قالقانسىمان بەز راكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆلچەملىك داۋالىنىش ئارقىلىق %90تىن %95كىچە ئاغرىقنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. 

   داۋالىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدىغىنى بۆلۈنمىگەن راك بولۇپ، بۆلۈنمىگەن راك دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھامان، ئاغرىقنىڭ ھاياتى ھەمىشە ئاي بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 

   تۈگۈنچە دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، يامان سۈپەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىنغانلارغا قارىتا، مۇتەخەسىسلەر چوقۇم كەسپىي دوختۇرخانا ۋە بۆلۈملەرگە بېرىپ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دىياگنوز قويدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. 

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.