تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر | 700 پىدائىي 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە 700 پىدائىي پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىدىكەن. نۆۋەتتە، يۈزدىن ئارتۇق پىدائىي ئىش ئورنىغا چىقىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىۋېتىپتۇ.

​شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى پىدائىيلار ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى.

سۈرەتنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى تەمىنلىگەن

   ئىگىلىنىشىچە، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى پىدائىيلار خىزمىتى بۆلۈمى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدىن ئىبارەت ئىككى ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن جەمئىي 700 پىدائىينى قوبۇل قىلغان، ئۇلار ئاساسلىقى كىنىشكا مۇلازىمىتى، قاتناش مۇلازىمىتى، قائىدە-يوسۇن مۇلازىمىتى، كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتى، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش، يىغىن مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىش ئورنى بويىچە مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

   8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، پىدائىي ئەۋەتىشتىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئالىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى ۋە شىنجاڭ سىفەن داشۆسى مەكتەپ ئىچىدە پىدائىي قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۇقتۇرۇشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى ۋە قىزغىن تىزىملاتتى. ئىككى مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ توردا كۆرۈلۈش مىقدارى جەمئىي 16 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، ئاخىرىدا 700 نەپەر پىدائىي رەسمىي تاللاندى. 

   ئالدىنقى مەزگىلدە، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى پىدائىيلار خىزمىتى بۆلۈمى پىدائىيلارنى تەربىيەلەش قوللانمىسى ۋە تەربىيەلەش دەرسلىكى تۈزۈپ، بارلىق پىدائىيلارغا قارىتا كۆپ تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال تەربىيەلەش دەرسلىكى تەسىس قىلىپ، پىدائىيلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى، كەسپىي ساپاسى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش ئورنى مۇلازىمەت ئۆلچىمىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

   پىدائىيلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى چېن فاڭفاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى پىدائىيلىرى گۈزەل شىنجاڭ، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى تايانچ كۈچ. كۆرگەزمىدە مۇلازىمەت قىلىش، كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، پىدائىيلار تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مەركەزلىك كەسپىي تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىپ، تەربىيەلەش دەرسلىكىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھەر ۋاقىت چاقىرىقنى قوبۇل قىلىش، ھەر ۋاقىت ئىش ئورنىغا چىقىپ مۇلازىمەت قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.