تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈردى، دائىم تۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى ئۆگىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىرىنچى قارالما» تۈزۈمى ۋە مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىش تۈزۈمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىدارە سىستېمىسىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىش كۈنى تۈزۈمى، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا ئالدى بىلەن ئۆگىنىش قىلىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزام قائىدىسىنى قەلبىگە پۈكۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى.

تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن مەركەزلىك ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، «نىزام»نى ئەينەن، بابمۇباب، ماددىمۇماددا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئۆگەندى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېي جيەنگو مۇنداق بىلدۈردى: «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك».

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» بولۇشتەك نەمۇنىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇرغۇپ چىققان ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى كونكرېت ھەرىكەت ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇردى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، «بىرىنچى قول باشلىقلىرى»، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەتلىرى قاتارلىقلار ئالدىن ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىشتە ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇردى. پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، ئېنېرگىيە، تېببىي دورا، ئاساس قۇرۇلۇش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا پارتىيەلىك كادىرلارنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، بابمۇباب، ماددىمۇماددا ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى.

مەكىت ناھىيەسى «ئاچقۇچلۇق توپ» «ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكىلەر»نىڭ ئۆگىنىشىنى ياخشى تۇتۇپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىش تەلىپى بويىچە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە قاتارلىق 17 فۇنكسىيەلىك تارماق ۋە شەھەر تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش شىركىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى، بانكا، سۇغۇرتا قاتارلىق 13 كارخانىنى ئىقتىساد ساھەسىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىشقا تەشكىللەپ، ئىقتىساد ساھەسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى خىزمەتنىڭ تۆۋەن چېكى، ئەخلاق قىزىل سىزىقى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مۇداپىئە سېپىنى ساقلاشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش بىلەن قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار ۋە <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش> پائالىيىتىدىكى ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش لايىھەسى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى تىپىك ئىش ئىزلارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەش قاتارلىق ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە قارىتا مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇردى ھەم مەركەزلىك تۈزەش نەتىجىسىنى تۈزۈم ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇپ، تۈزەش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانلىق مەلۇماتنىڭ سۈپەت جان تومۇرىنى چىڭ ساقلاپ، «نىزام»نى ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، ساختا سىياسىي نەتىجە يارىتىش مەسىلىسىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئاخىرغىچە تەكشۈردى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئەمەلىي خىزمەت، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدى. «پارتىيە ئىنتىزامى، قانۇن - نىزاملارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىنتىزام، قائىدە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىنتىزام، قائىدىلەرنىڭ چەكلىمىسىدە تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ ئادەتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى چاقىلىق ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شېڭلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.