تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

«يېشى ئېشىپ كەتكەن» بالىلارمۇ كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بۇ گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ باقسۇن

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى لى خەۋەر قىلىدۇ) «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، «قاراڭ، مېنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسەمگە» 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

«قاراڭ، مېنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسەمگە» 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى «ۋىچىر-ۋىچىر» (ئالدىنقى قىسىم) «بارلىق شەيئى» (كېيىنكى قىسىم).

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

    5-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەق مەيدانغا كەلدى. شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ يەر ئاستى بىرىنچى قەۋىتىدىكى C كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، ئۆزىنى خۇددى رەڭگارەڭ، ئاجايىپ-غارايىپ دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى: سان-ساناقسىز كىچىك قاپاقلارنىڭ دۆۋىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى «قاپاق تاغ»؛ كىچىك دوستلار قولىدا سىزغان «تاغ-دەريالار دەستۇرى»دىكى سىرلىق مەخلۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ موي قەلەم بىلەن يازغان ئىسمى؛ پادىچىلار ئىشتىنىدا قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى»، «تاغ-دەريالار ئارىسىدا» ناملىق ئەسەرلەر؛ ۋان گوكنىڭ ئۆز رەسىمىگە ئاساسەن ئىجادىي ياساپ چىقىلغان ھەيكەل؛ ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك سېغىز توپىدىن ياسالغان تاڭ سېڭ ئۇستاز-شاگىرتلارنىڭ ئوماق ئوبرازى...

«قاراڭ، مېنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسەمگە» 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى «تاغ-دەريالار ئارىسىدا»ناملىق ئەسەر.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

«قاراڭ، مېنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسەمگە» 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى «قۇلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشى» ناملىق ئەسەر.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

    كىچىك دوستلارنىڭ قەلىمىدە، كوزىچى يار بېشى مەھەللىسى قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل قاتارلىق ئوچۇق رەڭلەر بىلەن نامايان بولدى، ئاي شارىمۇ رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى، ئەمدىلا «پىشىپ چىققان» بىرنەچچە پىلتە قۇيماقتىن قارىماققا ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان بولۇپ، كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا: «كىچىك دوستلار، رەسىم سىزىشقا نېمانچە ئۇستا» دېيىشتى.

«قاراڭ، مېنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسەمگە» 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى «پىلتە قۇيماق» ناملىق ئەسەر.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

    بۇ قېتىمقى شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى «شۈ! تىنچلىنىڭلار»،«ھەي! گېپىمنى ئاڭلاڭ»، «ۋاھ! نېمانداق پەيزى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، 126 پارچە (گۇرۇپپا) 286 ئەسەردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ۋە تەپەككۇر نۇقتىسى نامايان قىلىنغان. بۇ رەسىملەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ رەڭلىرى مول، بەزىلىرىنىڭ قاتلاملىرى ئېنىق، بەزىلىرىنىڭ بەدىئىي تۈزۈلۈشى يېڭىچە، بەزىلىرى تىنچ ۋە رومانتىكىلىققا ئىگە بولۇپ، بالىلار بالىلارغا خاس قەلبى ۋە قىزىقىشى بىلەن رەسىم قەلىمى ئارقىلىق چەكسىز مۇمكىنچىلىك ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

«قاراڭ، مېنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسەمگە» 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى «نۇر سېزىمىدىكى كوزىچى يار بېشى» ناملىق ئەسەر.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

    شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى ئاممىۋى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ فەن مۇنداق دېدى: بالىلار تۇغما سەنئەتكار، ئۇلار سەبىي، پاك، رەسىم سىزىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەشكە، رەسىم قەلىمى بىلەن ھېكايە سۆزلەشكە ماھىر، بۇ كۆرگەزمە بەلكىم «يېشى ئېشىپ كەتكەن» بالىلار، يەنى، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىمۇ بالىلىقىغا بىر قېتىم قايتۇرۇپ، ئۇلارغا تۇرمۇشتىكى بەزى گۈزەل مىنۇتلارنى قايتىدىن ھېس قىلدۇرۇشى مۇمكىن».

«قاراڭ، مېنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسەمگە» 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى «شادلىققا تولغان سەييارە» ناملىق ئەسەر.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

«قاراڭ، مېنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسەمگە» 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى «يىپەك يولىنى قايتا ساياھەت قىلىش» ناملىق ئەسەر.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.