تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قىممەت يۈزلىنىشىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«قىممەت يۈزلىنىشىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، «ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن» دەپ كۆرسەتتى، «خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. دورىلارنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش دائىملاشتۇرۇلۇپ ۋە تۈزۈملەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكى كۈچلۈك يېنىكلىتىلدى؛ فوندتا ئارتۇق - كەملىرىنى ئۆزئارا تولۇقلاش كۈچەيتىلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملىنىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل بولغان مائارىپقا كۈچ چىقىرىلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ئارقىلىق رايونلار، شەھەر - يېزىلار ئارىسىدىكى پەرق ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىلدى؛ ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەنىۋى ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىكى تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھات ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل مۇھىتتا ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى... ھەم قاراتمىلىققا ئىگە بولغان، ھەم قىممىتى بار بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە خەلقنىڭ مەنپەئىتى كۆزلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى غەملەر تۈگىتىلىپ، ئاممىغا ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھاتنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى توغرا ئىگىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇلغاچقا، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم.» خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاخىرقى مەقسەت. بۈگۈنكى كۈندە، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىدا كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك ئالاھىدىلىك نامايان بولدى. خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا يۈزلىنىپ، جەزمەن ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، مەيلى نېمىنى ئىسلاھات قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئىسلاھاتتا قايسى باسقۇچقا بېرىشتىن قەتئىينەزەر، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھاتنىڭ قىممەت يۆزلىنىشىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قىممەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ خەلقچىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى. بۈگۈنكى كۈندە، خەلق ئاممىسىنىڭ يەنە نۇرغۇن غەم قىلىۋاتقان، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلىرى بار، بىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىمىزدە يەنە خەلقنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمىغان نۇرغۇن جايلار بار. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، زور ئىسلاھات مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە بىرىنچى سەپنىڭ ساداسىنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئاڭلاش كېرەك. خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، مەكتەپكە كىرىش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ئىش بېجىرىش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ھەمدە ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى قاتارلىق پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدىن ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى جىددىي بولغان، خەلق ئارزۇ قىلىۋاتقان بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك. خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ھەربىر ئىشىنى جان - دىل بىلەن ياخشى قىلغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ.» ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۈزلىنىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلق رايىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچ چىقارساقلا، چوقۇم زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.