تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ پاختىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدا ھەر تەرەپلىمە بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «پاختىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش» تۈرى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. بۇ تۈردە «تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» نىشان قىلىنىپ، پاختىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش چۆرىدىلىپ، بىر قاتار نەزەرىيە، ئەندىزە ھەم مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش قانات يايدۇرۇلدى، پاختىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدا ھەر تەرەپلىمە بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پاختا مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشىنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرگە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق ئۈستىگە ئالغان.

بۇ تۈر 2020 - يىلى باشلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پاختىسىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېزا ئىگىلىك سۇ بايلىقى بىلەن بىخەتەر تەمىنلەشنىڭ پەن - تېخنىكا ئېھتىياجىغا قارىتا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شايار ناھىيەسىدە 500 مىڭ مو يەردىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجىلىدىغان كېۋەزلىك تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنىپ، كېۋەزلىكتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسى، ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان پاختا سورتىنى تاللاش ھەم يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەڭشەش - تىزگىنلەش تېخنىكىسى، كېۋەزلىكتە سۇ، ئوغۇت، دورىلاردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تېخنىكىسى، كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، كېۋەزلىكتە يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئاقىل كېۋەزلىك قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىندى ھەم كەڭ كۆلەمدە پاختىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى.

بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇدىرى جياڭ پىڭئەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات - قوللىنىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پايدىسىدا، بۇ تۈر نەزەرىيە، ئەندىزە ھەم مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش جەھەتتە، بۇ تۈردە 14 مىڭ 790 مو ئۆلچەملەشكەن، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىنىپ، چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامغا يەتتى؛ 21 مىڭ 600 مو پاختىنى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇپ، چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 474.84 كىلوگىرامغا يەتتى؛ پاختىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى تەسىر كۆرسەتكەن رايون 566 مىڭ مو بولۇپ، چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 410.03 كىلوگىرامغا يەتتى.

يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەم سۇ تېجەش جەھەتتە، بۇ تۈردە سۇغىرىش - ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كېۋەزلىك ئېكولوگىيەسى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان پاختىنىڭ يېڭى سورتى ھەمدە ئاقىل يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلات قاتارلىق تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، كېۋەزلىكتە ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى، سۇ تېجەش ئۈنۈمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %12، %15 ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى %35 تۆۋەنلىتىلىپ، پاختا ھوسۇلى %15 ئاشۇرۇلۇپ، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا ئىشقا ئاشۇرۇلغان سومما جەمئىي 930 مىليون يۈەن بولدى.

نۆۋەتتە، بۇ تۈردە جەمئىي 41 تۈرلۈك دۆلەت پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىندى، 11 تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەم بېكىتىلدى، ئىككى يۈرۈش تېخنىكا ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى، سەككىز يۈرۈش مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىلدى، ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان يېڭى پاختا سورتىدىن تۆتى تاللاپ يېتىشتۈرۈلدى، ئۈچ ئەسەر نەشر قىلىندى، 77 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىندى. تۈر نەتىجىسى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدا كېڭەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.