تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭغا قايتا كەلگەن ما يىلى مۇنداق دېدى: «چۈنكى كۆرسىلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چيەن يۇڭۋېن، رېن جياڭ 

  «بۈگۈن ئالتاينى كۆردۈم، تېخىمۇ كۆپ كىشى بۇ گۈزەل تۇپراققا كەلدى، مەن شىنجاڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، چۈنكى باشقىلار ئۇنى كۆرسىلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ». 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئارتىس ما يىلى ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە 2024-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا تەبرىك سۆزى قىلغاندا شۇنداق دېدى.

 ما يىلى 2024-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىغا قاتناشماقتا. 

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەمىنلىگەن

   شىنجاڭلىق يازغۇچى لى جۈەننىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق  تېلېۋىزىيە تىياتىرى بۇ يىل ئەتىياز ۋە يازدىكى ئەڭ ئالقىشلانغان كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى سەۋەبىدىن، تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا جاڭ فېڭشيانىڭ رولىنى ئالغان ما يىلى شىنجاڭدا بىر بۆلەك ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ۋاقتىنى ئۆتكۈزدى.

    ما يىلى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقىتتا شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن كۈنلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە سەھەر تۇرغاچقا مۈگدەپ قالارمەنمۇ دەپ ئويلىغانىدىم، نەتىجىدە يول بويى كۆزۈمنى يۇممۇدۇم، كۆز ئالدىمدىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھەيران قالدىم. ئۇلۇنگۇر كۆلىدىن ئۆتكەندە، بۇلۇت قاتلىمى ئاستىدا كۆل يۈزى ئالتۇندەك چاقناپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈندى. «كاللامدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئوكيان ئاتلاپ بېرىپ كۆرگەن كۆللەر پەيدا بولدى، بالدۇر بىلگەن بولسام ئون نەچچە سائەت ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋاقىت پەرقى بار جايغا بېرىپ يۈرمەسكەنمەن» دىدى ما يىلى.

   جاڭ فېڭشيا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يايلاق كۆچۈشتىن بۇرۇنقى بارلىق كۆرۈنۈشى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغانغا قەدەر، ما يىلىنىڭ يان تېلېفونىدا كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن سايخىن بۇلاقنىڭ ھەر بىر كۈنلۈك كەچلىك مەنزىرىسى ساقلىنىپ بولغانىدى. ئاققابا كەنتىگە تۇنجى قېتىم كىرگەندە، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بۇ كەنتتە، ساياھەت سەۋەبلىك زىيادە ئېچىلغان ئىزنالارنى كۆرگىلى بولمايتتى، ما يىلى «بۇ يەرگە توغرا كەلگەنلىكىمنى بىلدىم» دېدى، ئۇ قازاق مۇئاۋىن رېژىسسوردىن: «ھاياجانىمىز قاچان بېسىلار-ھە؟ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش تۈگىگەندىمۇ؟» دەپ توختىماي سورىدى.

    كىشىلەر ئالتاي ساياھىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تاكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش تاماملىنىپ شەھەرگە قايتىپ بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، ما يىلى بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئۇنتالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان شاۋقۇن-سۈرەنلىك كوچىدا ماڭغاندا، كىچىك دۇكان ئالدىدىكى چۆلدە قەيسەرلىك بىلەن يىراقلارغا سوزۇلغان چاتقاللارنى ئەسلەپ قالىمەن، يەنە بىر كۈنى بىر سىيىرنىڭ ئىككى موزىيىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ تاكى ئىككى كەپسىز موزاي كۆزى قىيمىغان ھالدا كالا توپىغا قايتىپ كەلگىچە توختىماي مۆرىگەنلىكى ئېسىمگە كېلىدۇ».

    ما يىلى تەبرىك سۆزىدە ئالتايدا يۇلتۇزلار توپىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا ئىشەنگۈم كەلمەي ئۆزۈمدىن كۆرگىنىم سامانيولىمۇ نېمە؟ دەپ سورىغانىدىم. «يەنە بېشىمنى تۆۋەن سالغان پەيتتە كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە كېچە ئاسمىنىنى ئۈن-تىنسىز كېسىپ ئۆتكەن ئاقار يۇلتۇزلارنى كۆرۈشنى قولدىن بېرىپ قويغىنىمدىن كۆڭلۈم نۇرغۇن قېتىم غەش بولغانىدى، قەلبىمدە ئەپسۇسلىنىشلارنىڭ قېپقالغىنىمۇ ياخشى بوپتۇ، بۇنداق بولغاندا ئالتايغا يەنە قايتىپ كېلەلەيمەن ئەمەسمۇ».

    تەبرىك سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ما يىلى ئالتايغا بارغان مېھمانلارغا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ يەنە كىچىككىنە بىر ئارزۇيۇم بار، كەلگەن مېھمانلار، بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىنى بىرلىكتە قوغدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغان بولساق، چۈنكى ئۇ ساپ بولغاچقا، سېھرىي كۈچ ۋە چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەت ئۈزۈلمەي تارقىلىپ تۇرىدۇ».

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.