مەنبە: تىيانشان تورى
45 سېكۇنت 53 دەقىقە ۋاقىتتا 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ سائەت بىر قېتىم چىكىلدىغۇچە، ئۇ 8.79 مېتىر يۈگۈرۈپ بولىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ساھەسىدىكى 17 ياشلىق ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز ئەلىشىر ئۆمەرنىڭ 2024-يىللىق ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىكى نەتىجىسى.
بۇ يىل 3-ئايدا، ئەلىشىر يەنە مەملىكەتلىك زال ئىچى ئەرلەر 400 مېتىر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش رېكورتىنى ياراتتى، بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ رېكورتنى 17 يىلغا يېقىن ھېچكىم بۇزالمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە زال ئىچى مۇسابىقىسىدە 400 مېتىرغا 46 سېكۇنت ئىچىدە يۈگۈرگەن جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى، ئاسىيا تارىخىدىكى ئۈچىنچى تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى.
بۇ سان «ئاداش پاراڭلىرى»دا بىز بىرلىكتە بۇ شامال بىلەن قوغلىشىدىغان ئۆسمۈر توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقايلى.
نازارەت قىلغۇچى: دىڭ تاۋ، ياڭ تاۋ
بىر تۇتاش پىلانلىغۇچى: گې خۇيچىن
تاللانغان تېمىنى پىلانلىغۇچى: گۈلگىنە ئەركىن، ۋاڭ شىنرەن
ماقالىسىنى تەييارلىغۇچى: ۋاڭ شىنرەن
ئىكرانغا چىققۇچى: ئابلەت روزى
مونتاژ: قانات قۇرمانىيا