سىن مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئاداش رىياسەتچىسى: ۋاڭ شىنرەن
بۈگۈنكى شىنجاڭدا
جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم
ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تېز
مەدەنىيەت رەڭدار، گۈللەنگەن
خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلىمەكتە
ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى
بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى
شىنجاڭنىڭ ياخشى ئىدارە قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا
پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىغا
بۇ ھەقتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە
ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە
ئاداش رىياسەتچىسى: سۈبىنۇر
مېنىڭ قارىشىمچە
شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى شىنجاڭنى ئەڭ ياخشى تونۇشتۇرالايدۇ
ئاداش رىياسەتچىسى: ئابلەت
«ئاداش» رەڭدار تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئارقىلىق
يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ بېرىدۇ
ئاداش رىياسەتچىسى: بىسارا
بىر جاينى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز
چوقۇم بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ چۈشىنىڭ
شۇ ئارقىلىق بۇ شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىڭ
ئاداش رىياسەتچىسى: راقىيا
مەن سىلەرنىڭ ئادىشىڭلار يا يا بولىمەن
ھەر بىر ئادەم يۇرتىنىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسىدۇر
پاساھەتلىك سۆز - ئىبارىلەر ۋە زىننەتلەنگەن كۆرۈنۈشلەر ھاجەتسىز
ئاداش رىياسەتچىسى: ئەخەت
پەقەت كۆڭۈل قويۇپ كۆزەتسەكلا
مۇھەببەت بىلەن خاتىرىلىسەكلا
يۇرتىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى دۇنياغا نامايان قىلالايمىز
ئاداش، بىز كەلدۇق
بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تېز، مەدەنىيەت رەڭدار، گۈللەنگەن، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئىدارە قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىغا بۇ ھەقتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، تىيانشان تورى «ئاداش پاراڭلىرى» مەخسۇس سەھىپىسىنى تەسىس قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان رىياسەتچىلەر قىسقا مەزمۇنلار ئارقىلىق ياكى ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ياكى قىزغىن ۋە سەمىمىي بولۇپ، ۋەتەن، يۇرت ۋە يۇرتداشلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى سانسىزلىغان ئورتاق مۇھەببەت ھېكايىسىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ يۆگىمە رەسىمىنى ياخشى نامايان قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋېيبودا ماس قەدەمدە «ئاداش پاراڭلىرى» سۆز تېمىسىنى تەسىس قىلىپ، رىياسەتچىلەر ۋە تېمىلارنى توپلاپ، كەڭ تورداشلارنى رىياسەتچىلەر سېپىگە پائال قاتنىشىپ، گۈزەل يۇرتنى بىرلىكتە تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 3532125-0991
ئالاقىلەشكۈچى: گۈلگىنە ئەركىن
نازارەتچى: دىڭ تاۋ، ياڭ تاۋ
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: گې خۇيچىن
پىلانلىغۇچى: گۈلگىنە ئەركىن، قانات قۇرمانىيا، لىن خەن
رېژىسسور: گۈلگىنە ئەركىن
ئاۋاز بەرگۈچىلەر: ئەخەت مىجىت، بىسارا قۇۋانبېك، ۋاڭ شىنرەن، ئابلەت روزى، راقىيا ئۈسېن، سۈبىنۇر ئەركىن
كىرىشتۈرگۈچى: قانات قۇرمانىيا
فىلىم چىقارغۇچى: تىيانشان تورى