تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى(125)丨 يازدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆستى

   غۇر-غۇر ياز شامىلىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ گۈزەللىكمۇ يېتىپ كەلدى.

   قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى، ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى ياز پەسلىنى لەرزىگە سالدى. 

   ئاسما كۆۋرۈكتە مەنزىرە تاماشا قىلىش، قۇم دېڭىزىدا سېيرىلىش، ئاشپەز سەردارلىقىنى تالىشىش...

    سەراتان ئىسسىقىنىڭ «520» بىلەن ئۇچرىشىشى، ئالتۇن توينى خاتىرىلەش، رومانتىكلىققا گۇۋاھ بولۇش... 

    يازدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆستى.

لەرزىگە كەلگەن ياز كۈنلىرى 

5-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ، 2024-يىللىق شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ساۋمېي مۇزىكا بايرىمىنىڭ ئويۇن قويۇش نەق مەيدانى. 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 2024-يىللىق شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى ئۈرۈمچى تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە باشلاندى، ئەمەلىي كۈچى بار ناخشىچى، ناخشا ئىشلىگۈچىلەر توپلىنىپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ياۋگۇن مۇزىكا ئەترىتى ھەم مودا رەپ ناخشا چولپانلىرى تەكلىپ قىلىندى، نەق مەيدان كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى.

جاڭ جېنيۈەن فوتوسى 

ئاسما كۆۋرۈك مەنزىرىسى

5-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر سەيشى كۆلىدىكى ئاسما كۆۋرۈكتە سەيلە قىلماقتا. باش يازدا، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەردە خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

مەززىلىك بېلىق كاۋىپى 

5-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەززىلىك بېلىق كاۋىپى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. شۇ كۈنى، كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى 2-نۆۋەتلىك يىپەك يولى مەدەنىيەت-ساياھەت لوڭقىسى · ئاشپەز سەردارلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەم ئۈجمە پىۋىسى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى لەڭگەر يېزىسىنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچى، ئىلى، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 78 نەپەر شىنجاڭلىق داڭلىق ئاشپەز ماھارەت كۆرسىتىپ، نەق مەيداندا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە قورۇمىلىرىنى تەييارلاپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى 

گىلاس قىزاردى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى تاغچى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى گىلاس ئۆستۈرۈش بازىسىدا گىلاس ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت شۇ جاينىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە تۇپراق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن گىلاس ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋۇ لې فوتوسى 

قۇم دېڭىزىنى بۆسۈپ ئۆتۈش

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇملۇقتا يۇقىرى سۈرئەتتە بارخانلاردىن كېسىپ ئۆتمەكتە. شۇ كۈنى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ °N39  قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىدا مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى گۈرۈلدىدى، 2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقارا راللى مۇسابىقىسىنىڭ ss2 مۇسابىقە بۆلىكى مۇسابىقىسى مۇشۇ يەردە باشلاندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جۇ پېڭ فوتوسى 

شامال يەتكۈزگۈچ قۇراشتۇرۇش

5-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىر ئىشچى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ دۇڭفاڭ شامال ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇراشتۇرۇش سېخىدا شامال يەتكۈزگۈچ گۇرۇپپىسىنى قۇراشتۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مورى ناھىيەسى يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىرىنى ئاساس قىلغان يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زامانىۋى مەنزىرە ئېلېكتىر كەسپى رايونى ۋە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە 50 يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىسى مورىغا ماكانلاشتى.

خې لۇڭ فوتوسى 

توقۇش ماشىنىسى «ئەقلىي ياسىمىچىلىقى» 

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئىشلەپچىقارغان يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا بازار تاپتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

ئاسىيا-ياۋروپاغا راۋان قاتناش 

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بۇ يىل جەمئىي 6000 قېتىمدىن ئارتۇق جۇڭگو-ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن چىقىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى %60تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى 

رومانتىك ئالتۇن توي 

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسى جىشۇن يولى شىمالىي مەھەللىسى ياشانغانلار ئۈچۈن «قول تۇتۇشۇپ ئۆتكەن 50 يىل، قەدىناسلار ياڭراتقان مۇھەببەت كۈيى» باش تېمىسىدىكى ئالتۇن توي خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، سۈرەتتە ياشانغانلار  ئەگمە شار ئىشىكتىن ئۆتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

ئىللىق ھەمراھ بولۇش 

​5-ئاينىڭ 22-كۈنى، سانجى شەھىرى خوۋدې ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ئائىلىسىنىڭ خادىملىرى ياشانغانلارغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىشنى ئۆگەتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارنى ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى 

يازدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر

سايرام كۆلى بويىدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر(5-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان). يازدىكى سايرام كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى، كۆل سۈيى خۇددى ئەينەكتەك سۈزۈك، كۆل بويىدىكى تاغ گۈللىرى چىرايلىق، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى داكا قىلىپ سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ليۇ يۈشىن فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.