تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دېلودىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش

​− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قەلبلەرگە سىڭدۈردى، ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، پۇشايمان خاتىرىسى سىن فىلىمى كۆرۈش، ئىبرەت دېلو مىساللىرىنى ئانالىز قىلىش قاتارلىق ئۇسۇل، شەكىللەر ئارقىلىق، دېلودىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىنتىزام ۋە قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سەگەك بولۇشقا، تۆۋەن چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، ئەيمىنىشنى بىلىشكە يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

ئەمەلىي ساۋاق ۋە تىپىك دېلو مىساللىرى ئەڭ ياخشى دەرسلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك «سەگىتىش دورىسى».

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئاساسلىق كۇرستىكى 160تىن ئارتۇق كۇرسانتنى ئىبرەت تەربىيەسى مەخسۇس فىلىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش تىپىك دېلو مىساللىرىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، كۇرسانتلارنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە قانۇن - ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، پاكلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا ئاگاھلاندۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىنى سىرتتىن ئاڭلاش ۋە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلار ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ قانۇننى سۆزلەش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئىبرەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»غا سېلىشتۇرۇپ تونۇشىنى سۆزلەشكە، تەسىراتىنى سۆزلەشكە تەشكىللىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالتە سان ئاگاھلاندۇرۇش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى بېسىپ تارقىتىپ، ھەقىقىي تۈردە «ئەتراپىدىكى ئىشلار» ئارقىلىق «ئەتراپىدىكى كىشىلەر»نى ئاگاھلاندۇردى، «دېلودىكى كىشىلەر» ئارقىلىق «چۈش كۆرۈۋاتقانلار»نى ئويغاتتى.

«ھازىر سوت ئېچىلىدۇ!» يېقىندا، سودىيە بولقىسىنىڭ ئۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جاڭ XXنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە چېتىشلىق دېلوغا قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق سوت ئېچىلدى. مەزكۇر شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك گۇڭئەن سىستېمىسى ھەم بىر قىسىم قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىدىكى 200دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىرنى سوتنى سىرتتىن ئاڭلاپ، «نۆل ئارىلىق» «چۆكۈش شەكلى»دە ئىبرەت تەربىيەسى ئېلىشقا تەشكىللىدى.

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ شەكلىنى بېيىتىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاپ، دېلو مىساللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، تىپىك دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش، ئىبرەت فىلىمى كۆرۈشكە تەشكىللەش، سوتنى سىرتتىن ئاڭلاش قاتارلىق شەكىللەردە ئىبرەت تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئىبرەت ئېلىش؛ سەگەك بولۇش، ئۆزىنى تىزگىنلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تىپىك دېلو مىساللىرىنى سۆزلەش، ئىبرەت تەربىيەسى مىكرو سىن فىلىمى قويۇش، ئىنتىزام ئۆگىنىش دەرسخانىسى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىنتىزام جازاسىدىن ئىبارەت «بىر ۋاراق قەغەز»نى ئىنتىزام تەربىيەسىدىن ئىبارەت «بىر سائەتلىك دەرس»كە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى توغرىلاپ، ئىبرەت ئېلىپ، ئىنتىزام ئېڭى ۋە قائىدە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.

يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىبرەت تەربىيەسى بازىلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشىدىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندى.

تارباغاتاي ۋىلايىتى ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا، قولاي شارائىتتا پارتىيە ئەزالىرىنى تۈركۈم قېتىمغا بۆلۈپ ئىبرەت تەربىيەسى بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى، تەربىيە ئالغانلارنىڭ سانى 3000دىن كۆپرەككە يەتتى؛ گۇچۇڭ ناھىيەسى، فۇكاڭ شەھىرى مالىيە ئىدارىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىغا بېرىشقا تەشكىللەپ، 25 مەيدان قېتىم ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى، 818 ئادەم قېتىم تەربىيە ئالدى.

غۇلجا شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىبرەت تەربىيەسى بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى تۇتقا قىلىپ، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى كۆرۈش، تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىر، كۆپ خىل ئۇسۇلنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەربىيەسىگە دائىر شەكلى ئوخشاش بولمىغان «يۈرۈشلۈك مەزمۇن»لارنى تۈزۈپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«كۆپ ئۆلچەملىك ئىنتىزام تەربىيەسى ماڭا ناھايىتى زور تەسىر قىلدى.» غۇلجا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى خېرىدار چاقىرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: دېلودىن ئىبرەت ئېلىپ، غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە قائىدىسىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە قائىدە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ھوقۇقنى خەلق بەرگەن، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش» دېگەن سۆزنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەسىپتە پاك بولۇش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش «مۇداپىئە تېمى»نى مۇستەھكەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە ئەخمەت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.