تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«خالتىلىق شىنجاڭ مېۋىلىرى»نىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

دۇەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلاندى.

يىراقتىكى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جياڭگوگو» دېيىلدى)مۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بۇ بىرنەچچە كۈندە، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر مال تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، تۈرلۈك ئوراش - قاچىلاش ئۆلچىمىدىكى قۇرۇق مېۋە سوۋغاتلىقلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئامباردا ساقلاش مەركىزىگە كىرگۈزۈلدى، پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

«ئالدىراشچىلىقتا پەقەتلا يېتىشەلمەي قالدۇق!» 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جياڭگوگو ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇرېھىم كامىل مۇنداق دېدى: بايرام يېقىنلاشقانسېرى خېرىدارلار چۈشۈرگەن زاكاز تالونى شۇنچە كۆپ بولۇۋاتىدۇ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە بىر كۈندە 2000 - 3000 زاكاز چۈشىدۇ.

مىننەتدار بولۇش سەۋەبلىك بىر كارخانا قۇرۇش

ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى يادرولۇق رىقابەت ئامىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئاساسلىقى توردىكى يوللار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قۇرۇق - ھۆل مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان جياڭگوگو نېمە ئۈچۈن قەشقەرگە ماكانلىشىدۇ؟

«دەسلەپتە، مەنمۇ قەشقەردە ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم» دېدى جياڭگوگونىڭ باش مۇدىرى چېن ۋېنجۈن قىلچە يوشۇرماي.

2015 - يىلى، گۇاڭدۇڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان چېن ۋېنجۈن قەشقەرگە كېلىپ گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىگە قاتنىشىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى بولغان دۇكانلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، چېن ۋېنجۈن دائىم كوللېكتىپىنى باشلاپ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلارغا بېرىپ تەشۋىقات ۋەرەقى تارقىتاتتى.

چېن ۋېنجۈندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغىنى شۇكى، بۇ يەردىكى خەلق ئىستىلى ئىنتايىن سەمىمىي ئىدى، تەشۋىقات ۋەرەقى تارقىتىپ دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۆي ئىگىلىرى ھەمىشە ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلاتتى؛ بەزىدە يولدىن ئېزىپ قالغاندا، يۇرتداشلار توكسىكلىتى بىلەن ئۇلارنى چوڭ يولغا ئاپىرىپ قوياتتى.

2015 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە يۈزبەرگەن بىر ئىش ھېلىھەم چېن ۋېنجۈننىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلى چۆلدە بۇزۇلۇپ قالغاندا، ئىككى ئۇيغۇر يىگىت ئالتە سائەت ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى سۆرەپ چىقىرىشىپ بەرگەن، شۇ چاغدا تاڭ ئاتقانىدى. چېن ۋېنجۈن پۇل بېرىپ رەھمەت ئېيتماقچى بولغاندا، ئۇلار: «بىزمۇ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، سىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق ياردەم قىلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز» دېدى. ئاندىن كېيىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلىشىپ كېتىپ قالدى، ھەتتا ئىسمىنىمۇ قالدۇرمىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، چېن ۋېنجۈن شۇ جايدىكى پۇقرالار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى.

يازدىن كۈزگىچە، چېن ۋېنجۈن كەنتتە تەشۋىقات ۋەرەقى تارقاتقاندا، ھەممىلا ئائىلىنىڭ ھويلىسىدا دېگۈدەك بىرنەچچە تۈپتىن چىلان، ياڭاق، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدى. چىلان، ياڭاقلار پىشقاندىن كېيىن ھويلىغا دۆۋىلەپ قويۇلاتتى، مېھمانلار كېلىپ خالىغانچە يەيتتى.

2015 - يىلى 11 - ئايدا، چېن ۋېنجۈن تىزىمغا ئالدۇرۇپ كارخانا قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قۇرۇق - ھۆل مېۋە سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، بۇ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى باھادا سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش قارارىغا كەلدى.

«ئەمەلىيەتتە مەن 2006 - يىلى ۋە 2012 - يىلى شىنجاڭغا كەلگەن، ئىلگىرى يەنە تۈر تېپىپ ئىشلەشنىمۇ ئويلاشقان» دېدى چېن ۋېنجۈن.

2006 - يىلى، چېن ۋېنجۈن بىرىنچى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيران قالغان، لېكىن ئەينى چاغدا پەقەت شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنىلا ھېس قىلغان بولۇپ، بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلاپ باقمىغانىدى؛ 2012 - يىلى، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە، تەستىقلانغان قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ، چېن ۋېنجۈن بۇنىڭغا سەل قىزىقتى، «ئەينى چاغدا، پەقەت ئاددىيلا ئويلاپ، بىرەر تۈرنى تېپىپ ئىشلەپ باقماقچى بولغانىدىم، بۇ جايدا ئۇزاق تۇرۇپ قېلىش خىيالىم يوق ئىدى» دېدى چېن ۋېنجۈن سەمىمىيلىك بىلەن.

ئەمما ھازىر، چېن ۋېنجۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قەشقەرگە كۆچۈپ كەلدى، بالىلىرىمۇ قەشقەردە ئوقۇيدۇ.

ئۇششاق يېمەكلىكلەردىن شىنجاڭ مېۋىلىرى سودا پۇرسىتىنى قېزىش

چېن ۋېنجۈننىڭ قارىشىچە، گەرچە قەشقەرنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى قۇرۇق - ھۆل مېۋىلەرنىڭ سۈپىتى دۇنياۋى دەرىجىلىك بولۇپ، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كۆلەملىك كارخانىلارنى بەرپا قىلىشقا بولىدىكەن.

2017 - يىلى دەل جۇڭگودا مەھەللە ئېلېكتىرونلۇق سودىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان مەزگىل بولۇپ، جياڭگوگونىڭ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى بىرىنچى نىشانى دەل مەھەللە ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولدى. كوللېكتىپنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، قىسقىغىنا بىرنەچچە ئايدىلا شىنجاڭ سىرتىدا مەھەللە ئېلېكتىرونلۇق سودا كوللېكتىپىدىن 380ى قۇرۇلۇپ، كۈندىلىك سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

بازار يوللىرى ئېچىلدى، لېكىن چېن ۋېنجۈن چىلان، ياڭاق قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ ئىستېمال دەۋرىيلىكىنىڭ ئۇزاق ئىكەنلىكىنى، بەزى خېرىدارلار سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئەكەتگەندىن كېيىن خېلى ئۇزاققىچە يېمەي ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى. «ئىستېمالچىلارنىڭ ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ چوڭ بازار ئاچقىلى بولىدۇ.» بازارنى بىرمەھەل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، چېن ۋېنجۈن ئىستىراھەت يېمەكلىكىنى تەييارلاپ، ياڭاق، چىلان قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى پىششىقلاپ، قىچا تالقىنى تەملىك، لازا تۇز تەملىك، شاكىلات تەملىك قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تەمدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپ، ئوراپ قاچىلاپ تەييار يېگىلى بولىدىغان ۋە تەڭ بەھرىلەنگىلى بولىدىغان «خالتىلىق ئۇششاق يېمەكلىك»نى بازارغا سېلىش قارارىغا كەلدى.

خاس مەھسۇلات سېتىش تەپەككۇرىنى تېز ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىش تەپەككۇرىغا ئۆزگەرتىپ، چېن ۋېنجۈن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، 2 - قېتىم بازار پۇرسىتىنى تۇتۇۋالدى. 2018 - يىلى شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى 28 مىليون يۈەندىن ئاشتى، 2019 - يىلى 80 مىليون يۈەندىن ئاشتى... 2023 - يىلى 350 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، جياڭگوگو ساتقان يەككە مەھسۇلات 70نەچچە خىلغا يەتكەن بولۇپ، سېتىش سوممىسىنىڭ %70ىنى تېز ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر ئىگىلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تاۋباۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 600دىن ئارتۇق 3 - تەرەپ سۇپىلىرىنىڭ ھەممىسىدە جياڭگوگونىڭ مەھسۇلاتلىرى سېتىلىۋاتىدۇ. شىركەت شىئەن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا بەش چوڭ ئامباردا ساقلاش بازىسى قۇردى، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 12 شەھەردە مۇلازىمەت تور نۇقتىسى قۇردى، سېتىش سودىگەرلىرى 1000دىن ئارتۇققا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلاش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى.

كېيىنكى قەدەمدە جياڭگوگو ئالىي دەرىجىلىك سوۋغات قېپىنى بازارغا سېلىپ، سۈپىتى ئەڭ ياخشى چىلان، ياڭاق قاتارلىقلارنى تاللاپ، ئوراپ قاچىلاپ ئەسلىي تەملىك سوۋغات قېپى تەييارلاپ سېتىشنى پىلانلىدى.

«ئالىي دەرىجىلىك چىلان سوۋغات قېپىدىكى بىر تال چىلان 20 نەچچە گىرام كېلىدۇ، چوڭلۇقى 55 مىللىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تۇخۇمدىنمۇ چوڭ.» چېن ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: بىز بازاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردۇق، شىنجاڭ سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ شىنجاڭ مېۋىلىرىگە بولغان بىرىنچى تەسىراتى «چوڭ»، شۇڭا «چوڭ» يۈرۈشلۈك سوۋغات قېپى تەييارلىدۇق.

ئىشچى - خىزمەتچىلەر پايچىكقا ئايلىنىپ، «مىليونېر»لار بارلىققا كېلىش

ئابدۇرېھىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، 2019 - يىلى جياڭگوگوغا كېلىپ خىزمەت قىلدى.

«ئالدىراش بولساممۇ، خۇشال ئۆتىمەن!» ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: كۆپ ئىشلىسەك كۆپ ھەق ئالىمىز، ھازىر يىللىق كىرىمىم 70 - 80 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ بىرنەچچە كۈندە، خېرىدارلارغا مال ئەۋەتىش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئۇ يېتەكلىگەن ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى كوللېكتىپى يېتىشەلمەيلا قالدى.

پەرھات ئابلاجان 2018 - يىلى جياڭگوگو كوللېكتىپىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىر مۇدىرىيەت ئەزاسى، قوشۇمچە سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى. يېقىندا، ئۇ ئىزچىل خېرىدارلارنى زىيارەت قىلىش، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا دۇەنۋۇ بايرىمىدا كوللېكتىپ سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«بەختلىك تۇرمۇش كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ!» پەرھات مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ھەر ئايدا سېتىش بايراقدارى، ئەمگەك ماھىرى بايراقدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى بايراقدارى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش بايراقدارى قاتارلىقلارنى باھالايدۇ. 2023 - يىلى پەرھاتنىڭ كىرىمى 800 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل يەنە 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملىنىپتۇ.

كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جياڭگوگو يەنە پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى پاي قوشۇشقا جەلپ قىلدى.

ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، جياڭگوگو كوللېكتىپىدا پەقەت ئون ئادەم بار ئىدى، ھازىر 500دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 120 ئىشچى - خىزمەتچى شىركەتنىڭ پايچىكىغا ئايلاندى.

دەسلەپتە كارخانىنىڭ قوزغىتىش مەبلىغى 400 مىڭ يۈەنلا ئىدى، بۇ بىرنەچچە يىلدا تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە 18 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق باغچە رايونى قۇرۇلۇپ، جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

«ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ھۆكۈمەت ناھايىتى زور ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.» چېن ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مەزگىلدە ھەقسىز ئورۇن، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن تەمىنلىدى، كېيىن كارخانا زاۋۇت ئۆيى سېلىپ يېمەكلىك پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغاندا، يەنە ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى، زاۋۇت ئۆيىنى بېزەش ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات سېتىۋېلىش ۋە سېتىش جەھەتتە، يەنە ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل مەدىتى ھەم شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى.

ھازىرغا قەدەر، جياڭگوگو 76 ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، 3500 دېھقاننىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«بۇ يىل، سېتىش بازىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، كارخانىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى پىلانلىدۇق.» چېن ۋېنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە ئەخمەت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.