تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭنىڭ 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 28 ـ كۈنىگىچە تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

شۇ چاغدا، كامبودژا، ئارگېنتىنا قاتارلىق كۆپ دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ۋەكىللىرى، شيېچېڭ، بونا كىنوچىلىقى قاتارلىق ساياھەت سودىگەرلىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەم مەدەنىيەت ـ ساياھەت تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 500 گە يېقىن كىشى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى شىنجاڭدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت ـ ساياھەت كاتتا مەرىكىسى، شۇنداقلا كەڭ دائىرىدە دىققەت قوزغىغان مەدەنىيەت ـ ساياھەت ھەمكارلىشىش ـ ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا خەلقئارا ساياھەت سودىگەرلىرى يىغىنى، تۈرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. «شىنجاڭ ياخشى جاي» خەلقئارا ساياھەت سودىگەرلىرى يىغىنى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلقئارا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى، چېگرا سىرتىدىكى ساياھەت سودىگەرلىرى ۋەكىللىرى، دۆلەت ئىچى ساياھەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، نۇقتىلىق ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنىپ، خەلقئارا نەزەر دائىرە ۋە يەرشارىۋى ئىدىيە ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىش دوستلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس ھەرىكەت پىلانى خىزمەت لايىھەسى»نى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، سۇپا مۇلازىمىتى، ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا سىياسەت مەدىتى بېرىدۇ. شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىدۇ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى «مەدەنىيەت ـ ساياھەتنى تەۋسىيە قىلغۇچى» سالاھىيىتى بىلەن مەركەزلىك ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىسقا فىلىم ئارقىلىق شۇ جاينى تونۇشتۇرىدۇ، شىنجاڭنى تونۇشتۇرىدۇ. يىغىنغا يەنە دىلنار ئابلا، ليۇ لياڭچېڭ قاتارلىق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ۋە تور دارېنلىرى نەق مەيداندا شىنجاڭ ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر يۈ جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى يىغىندا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقى چوڭقۇر قېزىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ـ ساياھەت داڭلىق ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ياخشى نامى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ ۋە جۇلالاندۇرۇلۇپ، «بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈش، بىر قېتىم داڭقىنى چىقىرىش، بىر شەھەرنى گۈللەندۈرۈش» تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بۇ قېتىمقى ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى خاسلىققا ئىگە، تەسىر كۆرسەتكۈدەك، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆرۈش نۇقتىسى بار، ئىللىقلىققا تولغان بىر مەيدان شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كاتتا زىياپىتى بەرپا قىلىنىدۇ.

2018 ـ يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، قەشقەر شەھىرىدە ئۈچ نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.