تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ، شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش دولقۇنى قوزغاش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشايلى! 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى قاراماي شەھەرلىك يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئەسلىدىكى قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ، مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش كۆلىمى مىسلىسىز بولدى... پائالىيەت نەق مەيدانىدا يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولدى. ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان كەسىپ ۋە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش سۇپىسى ۋە مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ باشقا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە پائال يېتەكلەش ئۈچۈن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

پاسىلنى بۇزۇپ تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش

ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتىنى ئورتاق يارىتىش

شۇ كۈنى سائەت 12لەردە، مۇخبىر بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ كۆپلىگەن شۆبە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ پەقەت ياردەم بەرگۈچى ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىپلا قالماي، بەلكى بىر تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپ، كۆپ تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپ ئەندىزىسىدە قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، 3 ـ شۆبە يىغىن مەيدانىدا، سەنشى ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ ۋە ئارقا سەپ خىزمەت ئاپپاراتلىرى ھەم ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار تۈر تونۇشتۇردى.

«قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى پۈتۈن شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لۇ پېڭ بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بىلەن قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە كارخانىلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ باشقا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

«بىز تىرىشىپ قىزغىن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەر بىر مەبلەغ سالغۇچىنى بۇ يەردە كۆڭۈل قويۇپ ئىگىلىك تىكلەش، خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋىلاشقان شەھەرنىڭ گۈللىنىشىگە گۇۋاھ بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لەن خۇيبىن.

«شىنجاڭ لايىھە تۈزۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلىرىمىزگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز بېيجىڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، <بېيجىڭ كارخانىلىرى + شىنجاڭ بايلىقى> <بېيجىڭ باش ئىشتابى + شىنجاڭ بازىسى> ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوماندان لى جىسۇي.

...

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى كۆزلەش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىغا ئېچىۋېتىش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىش قاتارلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتىنى ئورتاق يارىتىمىز.

مۇھىم نۇقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش

تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش

شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا 129 كارخانا كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 63 كارخانا 51 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، 66 كارخانا 120 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مۇددىئا ۋە رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە ـ يېڭى ماتېرىيال، ئاشلىق ـ ياغ، پاختا، مېۋە ـ كۆكتات، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يېتىشتۈرۈلىدۇ. شىنجاڭدىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى چىڭ كۆزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. خەلق ئىچى سېلىنمىسى بىرقەدەر ئاز بولغان كەسىپ، ساھە ۋە رايونلارغا بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىدۇ.

نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، تۈرلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ، ئارقا سەپ خىزمەت ئاپپاراتلىرى ھەم ئالاقىدار ئورۇنلار، كارخانىلار ۋەكىللىرىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا، شىنجاڭنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن چەكسىز ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

«بۇ جاي كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ياخشى ئاساس يارىتىپ بەردى، نۇرغۇن دوستلىرىمنىڭ بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىنىڭ ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» شىنجاڭ تيەنجىن توقۇمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ تېڭيۈن مۇنداق دېدى: مەن بۇلتۇر شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن، كارخانىنى كۇچا شەھىرىگە ماكانلاشتۇردۇم.

تۈرگە ئايرىپ كېڭەيتىش

تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش

ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، قاراماي شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ جىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. «بۇ قېتىم قاراماي شەھىرى جەمئىي 20 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەينىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى تېخنىكا ئەۋزەللىكى بىلەن قاراماي شەھىرىنىڭ ھازىرقى نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى يېشىل تەرەققىيات ئېھتىياجى تېزلا بىر يەردىن چىقتى، بۇ، شاڭخەينىڭ قارامايغا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم كەسپى بولۇپ قالىدۇ» دېدى ئۇ.

تونۇشتۇرۇش، كېلىشىم ئىمزالاش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش... ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، سودا نازارىتى، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئورتاق تەشەببۇس قىلغان بۇ مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئىزدەنگەچ خۇلاسىلەپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش، بىرلىشىپ تونۇشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلغان.

«كېلىشىم ئىمزالانغان ئالاقىدار تۈرلەرنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر چېڭ دوفۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا تايىنىپ، ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: يېڭى ئېنېرگىيە ـ يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى نۇقتىلىق قوللاش؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى زورايتىش؛ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە كەسىپ توپى بەرپا قىلىش.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بەردى، يېڭى مەنزىل ئېچىپ بەردى، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە كەڭ كارخانىلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى (شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى) دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، سودا نازارىتى، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە «سىرتقا چىقىش» «تەكلىپ قىلىش» بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلنى قوللىنىپ، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كەسىپ بايلىقىغا پائال ئۇدۇللىشىشقا تەشكىللەپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.