تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭدى. يېقىنقى ئىككى يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %57 ۋە %45.9 ئاشتى، شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

​5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئارتىسلار تۇرپان كارىز ئۆرپ-ئادەت باغچىسىدا ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە. بۇ يىل، بۇ باغچا «شادلىق كارىزى» ناملىق چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇننى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى «زامان-ماكان ئىشىكى»دىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا مىڭ يىل ئىلگىرىكى كارىزدا سۇ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى ھېس قىلدۇردى. ليۇ جيەن فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىسى قۇتچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. جاڭ يۈن فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرماقتا. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قومۇل 750 كىلوۋولتلۇق سەنتاڭخۇ ترانسفورماتور پونكىتىنى تەكشۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئىچىدىكى غول تور رامكىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 28ى قۇرۇلدى، توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى ئەڭ كۆپ، 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە ئەڭ ئۇزۇن، قاپلاش كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكىگە ئايلاندى. پولات نىياز فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىشچىلار G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرى قاراشەھەر بۆلىكى ئاسفالتىنىڭ ئاستىنقى قەۋەت سىناق بۆلىكىگە قاراماي ياتقۇزماقتا. بۇ مەزكۇر تۈرنىڭ 12-بۆلىكىدىكى قالدۇق قۇرۇلۇشنىڭ ئاسفالت يول يۈزى قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۆ خۇرە فوتوسى

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، سانجى شەھەرلىك يېشىل يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىڭخۇ بازىرى شياچۇەنزى كەنتىدە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق كۈزگى بۇغداينى پەرۋىش قىلماقتا. ھازىر، سانجى شەھىرىدىكى 70 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي چېچىكى تۆكۈلۈپ دان تۇتۇش مەزگىلىگە كىردى، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا پەرۋىش قىلىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

پويىزلارنىڭ گۈرۈلدىشى شىنجاڭنىڭ «تىيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىزى ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن يولىدا ئۇچقاندەك مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى تۇتاشتۇرغانلىقىدۇر.

مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قۇرغۇچىلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش ئورنىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىپ، رەتلىك-تەرتىپلىك ئاقما لىنىيەدە مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرغانلىقىدۇر.

ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ شاد-خۇراملىققا چۆمۈشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىدۇر ...

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش، تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى بويلاپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇپ شەكىللەندى. فوتوۋولت «كۆك»، قۇملۇق «سېرىق»، ئېكولوگىيە «يېشىل» ماس تەرەققىي قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ «قىممىتى»، «يېشىللىق تەركىبى»، «ئاقىل تەركىبى» ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى شەكىللەندۈردى. مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىپ، ھەممە ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى. مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازا بەرپا قىلىپ، «جۇڭگو قاچىسى»غا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئاشلىقى»نى قاچىلىدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى؛ ھەرقايسى مىللەتلەر بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.