تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گىلاس ئۈزۈش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۇچادىكى بۇ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بەك قالتىس

   5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى تاغچى كەنتىدىكى گىلاس ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئۆستۈرۈلگەن گىلاسلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، دېھقانلار گىلاس ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. گىلاسنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ سېتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ كەنتتىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلارنىڭ گىلاس ئۈزۈشىگە ياردەم بەرگەندىن سىرت، يەنە توردا مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىسى بولۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇزۇن بازىرى ئۆز جايىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە تۇپراق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، گىلاس كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گىلاس ئۆستۈرۈش، ئۈزۈش، ئېكولوگىيە ساياھىتى قاتارلىق كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ لې)

 5ـ ئاينىڭ 21ـ كۈنى، تاغچى كەنتىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلارنىڭ گىلاس ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە.

پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى توردا گىلاسنى بىۋاستە كۆرسىتىپ تونۇشتۇرماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.