تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتاي: ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان يۈز ئاپتوموبىلدىكىلەر مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئارداق بەيسىقان فوتوسى، خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى. يۈز ئاپتوموبىللىق ساياھەتچى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش» پائالىيىتى چىڭگىل ناھىيەسىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتىدە «جۇڭگونى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش. بەختلىك تۇرمۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، گۈل سەيلىسى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئىستىراھەت ساياھىتى، ساياھەت قىلغاچ سۈرەتكە تارتىش ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت لىنىيەلىرى ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەر سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا سەيلە قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلەندى.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان ئاپتوموبىللار چىڭگىل ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقتى. ئارداق بەيسىقان فوتوسى

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ۋۇسەيتەن ساياھەت مەنزىرە رايونىدا تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىنى ھېس قىلماقتا. ئارداق بەيسىقان فوتوسى

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان ئاپتوموبىللار چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ چىڭگىل دەرياسى بويىدا يۈرمەكتە. ئارداق بەيسىخان فوتوسى

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىماقتا. ئارداق بەيسىقان فوتوسى

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان كىشىلەر چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ چىڭگىل دەرياسى بويىدا كېتىۋاتماقتا. ئارداق بەيسىقان فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.