تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى∣قۇملۇقتا ئۇچقاندەك يۈرۈش

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 9دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، مەكىت ناھىيەسى °N39 قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىدا مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى گۈرۈلدەپ، 2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى ss2 مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىلىشىدىغانلار مۇشۇ يەردىن يولغا چىقتى. تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1-مۇسابىقە بۆلىكىدە كۆپ ساندىكى موتوسىكلىتلار مۇسابىقىنى تاماملىيالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، 2-مۇسابىقە بۆلىكىدە پەقەت ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىلا يولغا چىقتى. بۇ مۇسابىقە بۆلىكى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىدىكى داڭلىق «مۈشكۈل مۇسابىقە بۆلىكى» بولۇپ، مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 200.55 كىلومېتىر كېلىدۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ.

بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇملۇقتا يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتماقتا.

  بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇم دۆۋىسىگە قاراپ ئوقتەك ئىلگىرىلىمەكتە.

  بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇملۇقتا ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا.

 بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇملۇقتا ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا.

  

  بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇملۇقتا ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا.

كاشىلا كۆرۈلگەن بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى كۈتمەكتە.

  بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇم دۆۋىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتمەكتە.

  بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.