تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز

ئەركىن تۇنىياز گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بېيجىڭدا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى 2022 - يىلى، 2023 - يىلى ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق. 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، يېقىنقى ئىككى يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %57، %45.9 ئاشتى. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى پائال بەرپا قىلىندى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى بەرپا قىلىندى. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك 11 چوڭ قۇرۇلۇش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك 11 چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ ماكانلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى، 2023 - يىلى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ مەھسۇلات مىقدارى 2022 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %27.3 ۋە %26.8 ئاشتى، ساياھەتچىلەر قېتىم سانىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىندى، 2023 - يىلى نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئېكۋىۋالېنتى 66 مىليون 60 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 126 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇلدى. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇش تېزلىتىلدى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىندى، 2023 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشلىق ھوسۇلى 6 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %34.4ىنى ئىگىلىدى، پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %91ىنى ئىگىلىدى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك توسۇقىنى بەرپا قىلدى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كىشىلەر قەلبىدىن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بىز سىجىل تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

ئەركىن تۇنىياز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ كۇيرەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.