تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئالدىنقى تۆت ئايدا تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىدىكى چوڭ دانىچىلىق ئورىيانىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشتى

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىنىڭ چوڭ دانىچىلىق ئورىيا تەييار مەھسۇلات ئامبىرىدا ئىشچىلار يۈك ئاپتوموبىلىغا يۈك قاچىلىماقتا.

    ئانار/بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا جىددىي، ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ خىمىيەۋى ئوغۇت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى.

   ھازىر تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىرىكمە ئاممىياك ۋە چوڭ دانىچىلىق ئورىيا ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، ھەر كۈنى 100 گە يېقىن چوڭ تونناژلىق يۈك ئاپتوموبىلى تەييار مەھسۇلات ئىسكىلاتىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاپتوموبىلغا يۈك قاچىلاۋاتىدۇ. بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، بۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ دانىچىلىق ئورىيانىڭ سېتىلىش مىقدارى %55.7 ئاشتى.

   كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان، سېلىنما سوممىسى 2 مىليارد 930 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر چوڭ دانىچىلىق ئورىيا ئىشلەپچىقىرىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇت كارخانىسى، يىلىغا 450 مىڭ توننا بىرىكمە ئاممىياك ۋە 800 مىڭ توننا چوڭ دانىچىلىق ئورىيا ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى بازاردا ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئورىيا ئوراش-قاچىلاش سېخىدا مەھسۇلاتلارنى ئورىماقتا.

 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىنىڭ چوڭ دانىچىلىق ئورىيا تەييار مەھسۇلات ئامبىرىدا ئىشچىلار يۈك ئاپتوموبىلىغا يۈك قاچىلىماقتا.

 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى باش كونترول ئىشخانىسىدا ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرمەكتە.

 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتى سۈپەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى مەھسۇلات ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرمەكتە.

 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.