تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو سەپىرى . شىنجاڭ بۆلىكى» مەخسۇس تېما پائالىيىتى باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو سەپىرى . شىنجاڭ بۆلىكى» مەخسۇس تېما پائالىيىتى قەشقەر شەھىرىدە باشلاندى، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە، قەشقەر، ئىلى، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئۈچ جايدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە، شۇنداقلا دۇنياغا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈش، شىنجاڭنى قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت...» پائالىيەتنى باشلاش نەق مەيدانىدا، قەشقەر ئىپارخان باغچىسى مەنزىرە رايونىدىكى ۋاڭخۇڭ كوللېكتىپى شوخ ئۇسسۇللىرى، شادىيانە ناخشىلىرى بىلەن كۆپچىلىككە ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر، قىزغىن، مېھماندوست شىنجاڭنى نامايان قىلدى.

كېيىنكى ھەپتىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تور مەدەنىيلىكى ھەمراھلىرى، تور داڭلىق شەخسلىرى، تور سۇپىلىرى ۋەكىللىرى ھەمدە تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئېغىر سانائەت بازىسى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلەر باغچىسى، خەلق ئۆرپ - ئادەت بازىرى، تىيانشان گۈل دېڭىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىپ، جەلپكارلىققا تولغان شىنجاڭ، گۈللەنگەن شىنجاڭنى نامايان قىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدۇ.

«مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى ۋە سۇپىسى ئارقىلىق كۆپچىلىككە ھەقىقىي شىنجاڭنى، جۇش ئۇرۇپ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان شىنجاڭنى نامايان قىلىمەن» دېدى پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمان، «دۇنيادا كۆرگەن - ئاڭلىغان ئىشلار خاتىرىسى» سەھىپىسىنى ئاچقۇچى گۇ بوۋېن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى كۆزلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش ۋەزىپە، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، خاس ئەۋزەللىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇھىتى سىجىل مۇقىم بولماقتا، ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلماقتا، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى تېز قۇرۇلماقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى گۈللىرى ھەممە يەردە پورەكلەپ ئېچىلماقتا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو سەپىرى. شىنجاڭ بۆلىكى» مەخسۇس تېما پائالىيىتىنى مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تور جەمئىيەت خىزمىتى ئىدارىسى، جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ ئانار بۇلۇت مەدەنىيەت ئىجادىيىتى چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.