5-ئاينىڭ 16-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ «شال 1-كەنتى» دەپ ئاتالغان شوربۇلاق بازىرى قاق كەنتىدىكى شال ئېتىزى ئۈستىدە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ شال ئۇرۇقى چاچماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شال تېرىقچىلىقىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى تۆۋەنكى سەككىز ئوتاق كەنتىدىكى باغۋەنلەر چىلان دەرىخىنىڭ ئۇچىنى ئۈزمەكتە. ھازىر دەل چىلان پەرۋىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىكى باغۋەنلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىللىق چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى.
باۋ لياڭتىڭ فوتوسى
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى