شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تۆت تارماق «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2024 - يىللىق ئىستېمالنى سىجىل كېڭەيتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىستېمال «موتور»ىنى قوزغىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە 2024 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنىپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىستېمال شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئىستېمالنى قوزغىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنما بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشىدىن سىجىل كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ ئىستېمالنى كېڭەيتىش، ئەنئەنىۋى ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت ئىستېمالىنى يۈكسەلدۈرۈش، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق 16 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىستېمال ئىقتىسادنى كۆزىتىشنىڭ بارومېتىرى، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» ۋە «تۇراقلاشتۇرغۇچ». سىياسەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ۋە كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەن 94 پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك كارخانىسى ئىشقا ئاشۇرغان تاۋار سېتىش سوممىسى 307 مىليون 447 مىڭ 700 يۈەن بولۇپ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.6 ئاشتى؛ يېمەك - ئىچمەك تۈرىدىكى سېتىش سوممىسى 3 مىليون 569 مىڭ 900 يۈەن بولۇپ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.4 ئاشتى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تارماقلار بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قەرەللىك كېڭىشىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېتەكچىلىك، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىدۇ.