تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

5 - ئايدىكى شىنجاڭدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، ھاۋا ئوچۇق، ساپ بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل ھېسابلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر كۈنسېرى كۆپەيدى، كىشىلەر تاغ - دەريالار ئارىسىدا بەھۇزۇر ساياھەت قىلىپ، كوچىلارنى پىيادە ئايلىنىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىچى - سىرتىنى سەيلە قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن قانغۇچە بەھرىلىنىدۇ.

«ساياھەتچىلىك كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، كۈنسېرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ۋە روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپىگە، بەخت كەسپىگە ئايلاندى»، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكىلەر بىلەن بىرلىكتە تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، گۈزەل شىنجاڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان ساياھەتچىلىك كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت ۋە بايلىق ياراتماقتا.

بەخت كەسپىدە بەخت گۈللىرى ئېچىلدى

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچى 8 مىليون 559 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 8 مىليارد 78 مىليون يۈەن بولدى − بۇ يىل «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى جانلىنىپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

مەھسۇلات تەمىناتى مول بولۇپ، بازار قالتىس ئاۋاتلاشتى؛ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئالاھىدە ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى؛ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، پائالىيەت تەسىراتى مول، رەڭدار بولدى... «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەتنىڭ «قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈش»ى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەتچىلىك كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالدى.

شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. 1987 - يىلى، ئۇ شىنجاڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ساياھەت كوپىراتىپىغا ئەمدىلا كىرگەندە، ئۇچراشقان ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەر ئىدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغا كەلگەندە، ئاندىن تەدرىجىي ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۇچرىتىدىغان بولدى، «ئەينى چاغدا، ساياھەت كۆپ ساندىكى كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا يەنىلا يەتمەك تەس بولغان ئارزۇ ئىدى».

30 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەت ئاللىقاچان «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.» 2023 - يىلى، شىنجاڭ 265 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى؛ 296 مىليارد 715 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى. بۇ يىل شىنجاڭ 300 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«دۇنيا شۇنچە چوڭ، مېنىڭ ئايلىنىپ كەلگۈم بار.» ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى «ئايلىنىپ كېلىش» ئارزۇسىنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى. يېقىندا قويۇلۇپ ئالقىشقا ئېرىشكەن «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق كۆپ قىسىملىق مىكرو تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالتايغا ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ سانى بىر ھەپتىدىلا شىددەت بىلەن ئاشتى. شيېچېڭ، تۇڭچېڭ قاتارلىق سۇپىلاردا «ئالتاي» «شىنجاڭ» قاتارلىق سۆزلەرنى ئىزدەش قىزغىنلىقى شىددەت بىلەن ئاشتى.

«ئايلىنىپ كېلىمەن» دېسىلا «ئايلىنىپ كېلەلەيدىغان بولۇش» زامانىۋى ساياھەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

ئاجايىپ كۆركەم، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە، ئاساسى چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت، قويۇق، رەڭدار مىللىي ئۆرپ - ئادەت...شىنجاڭنىڭ مول ھەم ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى تەدرىجىي ھالدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالغان ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا ئايلاندى، شۇنداقلا سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، تۈرى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىشىپ، كىشىلەرنى ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدى.

شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تۈرى مول بولۇپ، چوڭ تاغ - دەريالارنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىدىن تارتىپ تارىخىي مەدەنىيەت تۈسى قويۇق بولغان ئادىمىيەت قەدىمىي يادىكارلىقلىرىغىچە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا - كەنت ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت، قار - مۇز ساياھىتى، قىزىل ساياھەت قاتارلىقلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مەھسۇلات سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى؛ ئېكسكۇرسىيە، ئىستىراھەت، دەم ئېلىش، تەتقىقات - ئۆگىنىش، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق ئىستېرېئولۇق ئېھتىياج شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتىپ، بارغانسېرى كۆپ خاس ساياھەتچىلىكنى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلتۈردى. مايتاغ - كۇچا تاشيولى، G219 چېگرا ساياھەت مەنزىرە يولى، غۇلجا - موڭغۇلكۈرە تاشيولى، كوئېنلۇن تيەنلۇ يولى، پەنلۇڭ قەدىمىي يولى، S101 تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى قاتارلىق ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، پىشىپ يېتىلىشى شىنجاڭنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرى ئىنتىلىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇردى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىش

ھازىر ئارشاڭ ناھىيە بازىرىنىڭ يېنىدىكى ئارشاڭ بورتالا دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا تۇرۇپ تۆت ئەتراپقا نەزەر سالسىڭىز، قاتار - قاتار ئۆزگىچە ئىمارەتلەرنىڭ جىددىي سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇۋاتقان يۇقىرى ئۆلچەملىك مېھمانساراي.

بۇلتۇردىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا يۇقىرى ئۆلچەملىك مېھمانساراي قۇرۇلۇشى ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە بەش يۇلتۇزلۇق ئۆلچەم ۋە كۆلەم بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان مېھمانسارايلار بار بولۇپ، داڭلىق ماركىلاردىن ۋېندىھام، خېلتون، شىراتون، رىزكارلتون قاتارلىق بىرىنچى قاتاردىكى خەلقئارالىق مېھمانساراي داڭلىق ماركىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2023 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا مېھمانساراي قۇرۇلۇشى تۈرىدىن جەمئىي 130ى بار بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 40 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدىن 33ى بار. نۆۋەتتە، مېھمانساراي تۈرى قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.

يۇقىرى ئۆلچەملىك مېھمانساراي قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ تېزلىتىلىشى شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئېگىزلىكىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت نۇقتىلىق تۈرلىرىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم موتور قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ كەسىپلەشتۈرۈش تۈرلىرىدە كېلىشىم ئىمزالاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.

«ساياھەت +»تىن «+ ساياھەت»كىچە، ساياھەتچىلىك خۇددى تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرالايدىغان «ئالتۇن بارماق»قا ئوخشاش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. يېزا - كەنتلەردە، ساياھەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق؛ شەھەرلەردە، كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايونلار بارلىققا كېلىپ، كىشىلەرنى داكا قىلىپ ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلەپ، ئىستېمالنى ئاشۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ۋاسىتىسىگە ئايلاندى؛ دۆلەت سانائەت ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر، دۆلەت مەدەنىيەت كەسپى بىلەن ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلغۇچى ئورۇن، دۆلەت مەدەنىيەت كەسپى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايون... ساياھەتچىلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى جەريانىدىكى كۈچلۈك تۈرتكىلىك رولى ساياھەتچىلىكنى كۈنسېرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇردى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە چەكسىز تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىپ بەردى، چەكسىز تەسەۋۋۇر بوشلۇقى يارىتىپ بەردى. مۇزېيغا بېرىپ داكا قىلىش، ناخشا كېچىلىكىنى قوغلىشىپ ساياھەت قىلىش ئەۋج ئالدى؛ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى تېخىمۇ جانلاندى، مەدەنىيەت ساياھەتكە روھ بېغىشلىدى، شۇنداقلا ھاياتىي كۈچ قوشتى. 2023 - يىلى، 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى، 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

خەلق تۇرمۇشى كەسىپلىرى ئارقىلىق چەكسىز بەخت يارىتىش

خوتەن تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونى ئىلگىرى پاكار، كونا ئۆيلەر بىلەن تولغان، ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى گۈل - گىياھ، قۇش، قۇرت - قوڭغۇز، بېلىق سودىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كونا شەھەر رايونى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر «يۇمىلاق ئايلانما شەكىللىك» قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە «ئايۋان» شەكلىدىكى ئۆزگىچە تۇرالغۇلار ساقلاپ قېلىنغان دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ قالدى. بۇ يىل، بۇ مەنزىرە رايونى يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايونغا ئايلاندى. مەمتىمىن غوپۇر كىچىكىدىن تارتىپ مۇشۇ يەردە ياشىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە 80 ياشتىن ئاشتى، ئۇ مەنزىرە رايونىدا خوتەن ئۆزگىچە دورىلىق چاي دۇكىنى ئاچتى، گۇاڭدۇڭ، شەنشى، شاڭخەي، بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرىدۇ، كىرىمى ناھايىتى ياخشى.

ساياھەتچىلىكتىن نەپ ئېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىغا مېڭىش.

2023 - يىلى، شىنجاڭدا 563 ساياھەت كوپىراتىپى يېڭىدىن كۆپەيدى، 25 مىڭغا يېقىن ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇردى؛ پۈتۈن شىنجاڭدا ساياھەتچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇبيېكت 370 مىڭدىن ئاشتى، ساياھەتكە ئالاقىدار سەپەرگە چىقىش، قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك، سەيلە - ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ھالبۇكى، كۈنسېرى جانلىنىۋاتقان يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدە، ساياھەتچىلەر مىقدارى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا ئايلاندى، ساياھەت جانلانسا، ھەممە جانلاندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ساياھەتچىلىك يېتەكلەشچانلىقى ۋە باغلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تۈرتكە بولىدىغان ئالاقىدار كەسىپ 110دىن كۆپرەككە يەتكەن. ساياھەت كىرىمى ھەربىر يۈەن ئاشسا، ئالاقىدار ساھەلەر كىرىمىنىڭ 4.5 يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، ساياھەت سېلىنمىسى ھەربىر يۈەن ئاشسا، باشقا ساھەلەر سېلىنمىسىنىڭ بەش يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. بىر كەسىپ گۈللەنسە، ھەممە كەسىپ روناق تاپىدۇ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى كۈچلۈك كۆپەيتكۈچى ئۈنۈم قويۇپ بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ موتورىغا ئايلاندى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئالاھىدىلىكى دەرىجىمۇدەرىجە زورىيىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندى.

شىنجاڭ كىشىلەر تەلپۈنىدىغان جاي، «ئارزۇدىكىدەك جاي» بولۇپ قالدى. دۆلەتنىڭ زامانىۋى ساياھەتچىلىك سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىشى، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىشى، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدەك كۈچلۈك شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى كۈنسېرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ۋە روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپىگە، بەخت كەسپىگە ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.