تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتىزام پارتىيە دەرسى

□شىن شىجيەن

بۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتىزام پارتىيە دەرسى − 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى.

يىغىندا، «ئىنتىزام <ئاگاھ پالىقى>نى ئېگىز كۆتۈرۈش − پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەش ئىبرەت خاتىرىسى» ناملىق مەخسۇس فىلىم قويۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە ئەزالىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى توغرىسىدىكى ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سۆز قىلدى.

بۇ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتىكى «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت»، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلو مىساللىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سەگەك بولىدىغان، تۆۋەن چەكنى بىلىدىغان، ئەيمىنىشنى بىلىدىغان قىلىش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك».

خەلققە جاپا سېلىپ، مال - مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان «ئوبراز قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىش، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىنى ئىمتىياز دەپ بىلىش...

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىدا قويۇلغان مەخسۇس فىلىم ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلو مىساللىرىدا ئاشكارىلانغان ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش مەسىلىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ئاشكارىلانغان ھوقۇق كونتروللۇقىنى يوقىتىش ھادىسىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، تەھلىل قىلىنغان پايدا - مەنپەئەتنى دەپ ئەقلىدىن ئېزىش قىلمىشى كىشىنى قاتتىق نەپرەتلەندۈرىدۇ.

دېلونى ئەينەك قىلىش، دېلودىن ئىبرەت ئېلىش كېرەك. ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىنى ئېچىشتىكى مەقسەت، پارتىيەلىك كادىرلارنى ساۋاق ئېلىش، ئىبرەت ئېلىشقا يېتەكلەپ، ئىنتىزام تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك، ھەر ۋاقىت كۆڭلىدە ئەيمىنىش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

غايە - ئېتىقادنى يوقىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، جەزمەن سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، زور پىرىنسىپلىق مەسىلىلەر ۋە چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا باشتىن - ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن، كۈرىشى قەتئىي بولۇش كېرەك.

سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا بولماسلىق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، جەزمەن توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ھوقۇقنى چەكلەش كونتروللۇقىنى يوقىتىش، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، جەزمەن ئومۇمىي ھوقۇقنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ چەك - چېگراسىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھوقۇقنىڭ قانۇن - ئىنتىزام يولىدىن چەتنەپ يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك.

ئائىلە ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ چىرىكلىشىشنىڭ جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزۇش زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، جەزمەن ئائىلە ئىستىلى بۇزۇلسىلا، بۇلغىنىشنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئائىلە قائىدىسىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە ئىستىلىنى ياخشى تىكلەپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، چەمبىرەكتىن يىراق تۇرۇپ، قورشاپ ئوۋلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۆزىنى تىزگىنلەش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، لېكىن پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش شەرتسىز بولىدۇ، ئالاھىدە بولۇۋېلىشقا بولمايدۇ، سىرتىدا قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ، جەزمەن بىر ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەشتە ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ چېگرا رايونغا جايلاشقان، شارائىتى جاپالىق، ئەھۋالى ئالاھىدە بولغاچقا، ھوقۇقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىپ، تەلۋىلەرچە ئىش قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىۋالماسلىق كېرەك. نازارەتچىلىك، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسىدا قانۇن سىرتىدىكى جاي يوق، بۇنىڭغا قارىتا، ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھېچكىمنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا ئېتىبارسىز قارىشىغا بولمايدۇ.

يوقىلاڭ خىياللارغا بېرىلمىگەندە، ئاندىن قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۇرۇس، ھەققانىي بولۇپ، ئۆزىنى ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن باشقىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئۆزىنى ئىدارە قىلىش بىلەن قەلبىنى ئىدارە قىلىش، ئىشىنىش بىلەن نازارەت قىلىش، پىرىنسىپ بىلەن ھېسسىيات، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن تۆۋەن چەكنى ساقلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغاندىلا، ئاندىن ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىشتىن ساقلىنالايدۇ، يولدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، قائىدە - يوسۇندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.