− شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار ئېسىل «يېڭى مەھسۇلات»لارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 48 - قېتىملىق خەلقئارا مۇزېي كۈنى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار ئېسىل «يېڭى مەھسۇلات»لارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى تارىخىي پۇراققا تولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقىغا باشلاپ كىردى.
بۇ كۈنى، نەنجىڭ جياڭنىڭ توقۇمىچىلىق مۇزېيىنىڭ «تۆت پەسىلدىكى قىزىل بىنا − جياڭنەن قانىلىدىكى ئەدەبىيات، سۈرەت ۋە يىپەك كۆرگەزمىسى» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ «ئەينەكتە چاقنىغان نۇر − ياڭجوۋ رايونى مىس ئەينەك سەنئەت كۆرگەزمىسى» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزىي)دا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ؛ «شىنجاڭ گۈزەللىك ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك مەدەنىيەت كۆرىكى» ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بەش مۇزېي بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «جىنلىن كەييۈن» ناملىق خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەجدىھا نەقىشلىك ئالتۇن توقا يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى شىنجاڭ مۇزېيىدا باشلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر مەيدان «مۇزېيدىكى كونسېرت»مۇ بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىقتىدارنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مۇزېيلار كۆپ مەنبەلىك، بىرىكمە تەرەققىي قىلىش تەلىپىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىپ ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىشتىن تەرەققىي قىلىپ كۆرگەزمە قىلىش، پەن تەتقىقات، ئالماشتۇرۇش، جەمئىيەت تەربىيەسى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مۇزېي ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە ئايلىنىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملىدى.
كۆرگەزمىدە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش
دېرىزە ئالدىدا چېچىنى تۈزەشتۈرۈش، ئەينەككە قاراپ گۈل سېرىقىنى چاپلاش.
جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىنىڭ «ئەينەكتىكى ئۇزاق يىللار − جۇڭگو قەدىمكى دەۋر مىس ئەينەك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» يېقىندا شىنجاڭ مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
«مەن يېڭى كۆرگەزمە توغرىسىدىكى ئالدىن مەلۇماتقا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، يېڭى كۆرگەزمىنى ئەزەلدىن قولدىن بېرىپ باقمىدىم، شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، دۆلەت مۇزېيىنىڭ بىرونزا بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، گۇگۇڭ سارىيىدىكى قاشتاش بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقى ناھايىتى مول كۆرگەزمىلەر. تەلىيىمىز بار ئىكەن، بۇ قېتىم ساۋاقدىشىم شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەندە دۆلەت مۇزېيىنىڭ مىس ئەينەك كۆرگەزمىسىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلەيدۇ.» 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچى ۋاڭ مېڭيۆ ساۋاقدىشىنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ مۇزېيىغا كىردى.
مىس ئەينەكنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلىتىلىش تارىخى ئۇزاق، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە، تۇرمۇش بۇيۇمى سۈپىتىدە گىرىم ئەينىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرگە سوۋغا قىلىپ گۈزەل تىلەكلەرنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلگەن، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە دۆلەت مۇزېيىدا ساقلانغان 240 دانە(يۈرۈش)دىن ئارتۇق مىس ئەينەك ھەم ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، مىس ئەينەكنىڭ ياسىلىش ھۈنەر - سەنئىتى، ئىلگىرىكى سودا قىممىتى ھەم ئەينەككە ئويۇلغان خەت، نەقىشلەردە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى نامايان قىلىندى.
«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز <تەكلىپ قىلىنىشى> مۇزېي كۆرگەزمىسىنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۈچەيتتى، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى، شۇنداقلا مۇزېينىڭ شەھەرنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت يەر بەلگىسى بولۇشتەك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى» دېدى شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا.
ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلارنىڭ ھەممىسى يېڭى كۆرگەزمىلەرنى پىلانلاش، كىرگۈزۈش جەھەتتە كۈچىدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېي كىرگۈزگەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مۇزېينىڭ «جۇڭخۇادا جۇلالانغان ئىككى يۇلتۇز − خەلق مۇزىكانتلىرى نيې ئېر، شيەن شىڭخەينىڭ ئىنقىلاب يولى كۆرگەزمىسى» مۇزېي ئىچىدىكى جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيىتىدىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى؛ تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) كىرگۈزگەن فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېينىڭ «دېڭىز يىپەك يولىدىكى قىممەتلىك مىراسلار − <ۋەنجياۋ 1 - نومۇر> ناملىق چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى سۈزۈۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» ۋە باۋجى بىرونزا بۇيۇملىرى مۇزېيىنىڭ «ئويلىنىش − باۋجى بىرونزا بۇيۇملىرى مۇزېيىدا ساقلانغان قاشتاش بۇيۇملىرى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
«دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بولۇپمۇ تۈرلىرى كۆپ، ھۈنەر - سەنئىتى نەپىس ئاشۇ فارفۇر بۇيۇملاردىن ئەينى چاغدىكى ياساش ماھارىتىنى چۈشەندىم، شۇنداقلا دېڭىز يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى كۆردۈم» دېدى تۇرپان شەھىرىدىكى ئېكسكۇرسىيەچى ئەنسار قۇربانجان.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) بۇلتۇر جېڭجوۋ خۇاشيا سەنئەت مۇزېيى بىلەن بىرلىكتە «جۇشقۇنلۇق ۋە بەخت - سائادەت − جياچېن يىلىدىكى 12 مۈچەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزدى. بۇ يىلقى مۇزېي كۈنىدە، ئۇلار يەنە ياڭجوۋ مۇزېيى، يىجېڭ شەھەرلىك مۇزېي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «ئەينەكتە چاقنىغان نۇر − ياڭجوۋ رايونى مىس ئەينەك سەنئەت كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزدى.
«پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ئوخشاش بولمىغان باشلىنىش كۆرۈش نۇقتىلىرى ۋە ئىپادىلەش شەكىللىرى ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنى تارىختا كۆرۈلگەن ئەمەلىي بۇيۇملار بىلەن ھەقىقىي ئۇچراشتۇرۇپ، قەلبىدىكى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرماقتا» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي)نىڭ باشلىقى يەن سۇڭ.
فونكسىيە جەھەتتە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش
«كۆرۈپ پۇخادىن چىقتىم، خۇددى راستىنلا تۇرلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغاندەك بولدۇم.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي)نىڭ يىپەك يولى سىڭىشىش شەكلىدىكى ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش سىستېمىسىنىڭ قوللىشىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر كۆپ جايدىكى مەدەنىيەت خارابىلىرىدە «ئېكسكۇرسىيە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىگە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي تۇيغۇنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بىۋاسىتە تەسىرات تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.
مۇزېيلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مول مەدەنىيەت خارابىلىرى، مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھولوگرافىيەلىك پىرويېكسىيە، AR كۈچەيتىلگەن رېئاللىق، 3D چېكىپ كونترول قىلىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، MR ئارىلاشما رېئاللىقنى ھولوگرافىيەلىك تەپسىلىي بايان قىلىش قاتارلىق يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ مۇزېيغا كىرىپ چۆكۈش شەكلىدە كۆرگەزمە كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) «قەدىمكى پۇلنى ياساشنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشى» «مەۋھۇم ئارخېئولوگىيەلىك ھەمتۈرتكە» «جياڭبىننىڭ ئوردىغا كىرىشى» «ئۈچ ئۆلچەملىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رەقەملىك ھېس قىلىش» «جەسەت كۈلى قۇتىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كارتون فىلىمى» قاتارلىق ئون نەچچە خىل رەقەملىك ھەمتۈرتكە تۈرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) يۇغۇرما كۆپ تاراتقۇ ۋە رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىزنالىرى، سىرلىق ئەينەكتە كىيىم ئالماشتۇرۇش، خىيالىي قۇم شەھەر قاتارلىق باش تېمىلىق كۆپ تاراتقۇلۇق كۆرگەزمە تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا يوشۇرۇنغان ھېكايىلەرنى چۈشىنىشكە جەلپ قىلدى.
قەدىمكى بىر يۈرۈش كىيىم - كېچەككە قەدىمكىلەرنىڭ قانچىلىك يىپ - يىڭنە ماھارىتى يوشۇرۇنغان؟ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) ئوتتۇرىغا چىقارغان «كەشتىلەنگەن ئېسىل كىيىملەر − بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى كىيىم - كېچەك نەپىس بۇيۇملار كۆرگەزمىسى»دە كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى، زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرە توپىدىن چىققان يۇڭ توقۇلما كىيىم - كېچەكلەر، كىروران قەبرە توپى، يىڭپەن قەبرىستانلىقىدىن چىققان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يىپەك توقۇلما كىيىم - كېچەكلەر كۆرگەزمە قىلىنىپلا قالماي، يەنە كۆرگەزمىگە كۆرۈنۈشنى رەقەملىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كىيىم - كېچەك بايقالغان خارابىلىككە «باشلاپ كىرىپ»، ئەينى چاغدىكى جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«كۆرگەزمە قىلىش شەكلىنى بېيىتىش، كۆرگەزمە قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ھەمتۈرتكە بولۇپ ھېس قىلىشنى كۈچەيتىش مۇزېينىڭ ئاممىنى جەلپ قىلىش كۈچىنى تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىتىپ، ئۇنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى.» تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، بۇ يىل مۇزېيىمىز ئېكسكۇرسىيەچىلەردىن جەمئىي 213 مىڭ ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالدى، بۇ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرى بولدى.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىدىن باشقا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار يەنە دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى مۇھىم كۆرگەزمە سۇپىسى بولۇپ قالدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېي «تۇرمۇش ۋە سەنئەت − شەندۇڭ خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ باھار بايرىمىلىق رەسىملىرى . قەشقەر دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى» «يىپەك يولى ئۆرپ - ئادەتلىرى، سەنئەت قەلبلەرنى تۇتاشتۇردى − شەندۇڭ . قەشقەر گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق، فوتو سۈرەت، خەلق سەنئىتى ئەسەرلىرى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» «خەيدەي جۈنفېڭ . شەندۇڭلۇق مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ياش، ياش خەتتات، تامغا ئويغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى.
«مۇزېي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، كۆرگەزمە تۈرىنىڭ كېڭىيىشى ئۇنىڭ جەمئىيەت تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋاسىتىسى بولۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ مەسئۇلى خې جيې.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتىدە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش
5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) باش تېما پوچتىخانىسى «تىجارەت باشلاپ»، مۇزېينىڭ نەپىس ئاتكرىتكىسى ھەم خاتىرە مېدالى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەن مۇزېي مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمە رايونىمۇ يېڭى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <14 - بەش يىل>لىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىرىك پىلانى»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك مۇزېيلار، تۈرلۈك مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، بەدىئىيلىكى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى بار، زامانىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالايدىغان، بازار ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مۇزېيلار ئوتتۇرىغا چىقارغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئېلېمېنتلىرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى مۇزېيغا بېرىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا كىرىشىدىكى زۆرۈر ۋاسىتە.
«يېپيېڭى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى كۆرگەزمە رايونى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئوبراز بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن خەتكۈچ، مائۇس تەگلىكى، بەل ياستۇقى، ئاچقۇچ ئاسقۇسى، سومكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50تىن ئارتۇق تۈردىكى جەمئىي 1000دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قىممىتى، ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دېدى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چۈن شۆفېڭ.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) ئوتتۇرىغا چىقارغان «قىزىقارلىق دولقۇن» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن قېزىۋېلىنغان ئات باشلىق، ئەجدىھا تەنلىك، بۈركۈت قاناتلىق، كۈل رەڭ سىزىقلىق ساپال قۇيما، خەن سۇلالىسى چياڭلار مۆتىۋىرىگە بەرگەن مۆھۈر، رەڭلىك قاناتلىق بالا جەسەت كۈلى قۇتىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەسلىي تىپ قىلىنىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، ياشلار توپىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
«شىنجاڭغا كېلىپ ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى كۆرۈشنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، مۇزېيغا بېرىپ داكا قىلغاندا جەزمەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى بۇيۇملىرى سېتىۋالىمەن. بۇ بىر يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى بۇيۇمىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئېلېمېنت ئېلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، ئىستېمال توپىنىڭ قىزىقىشى تولۇق تەتقىق قىلىنغاندىن كېيىن لايىھەلىنىپتۇ، يىغىنچاق، ئاددىي، بەلگىسى گەۋدىلىك ئىكەن.» چاڭشادىن كەلگەن ساياھەتچى فاڭ تيەنيى بىر يۈرۈش نەپىس كۇەيكې ئىستاكان سېتىۋالدى.
شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى كۆرگەزمە رايونىمۇ بارغانسېرى ئاۋاتلىشىپ كەتتى. 3 - ئايدا يېڭىدىن ئىشلەنگەن «كۆركەم شىنجاڭ كۆللىرى» ۋە «شىنجاڭنى قوغدايلى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىگىز ئۇچلۇق قەلەم ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى كۆرگەزمە رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان «شىنجاڭنى قوغدايلى» يۈرۈشلۈك بۇيۇمىدىكى تۆت باش پېرسوناژ بەن چاۋ، جاڭ چيەن، گېڭ گۇڭ، جېڭ جىلارنىڭ كارتون ئوبرازى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.
«بىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى لايىھەسىدىكى تەتقىقات ۋە سىناقلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، <شىنجاڭنى قوغدايلى>دىكى تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازى، ئاجايىپ ھېكايىلەر ھەمدە مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىدىكى ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق ۋە يېقىنلىق ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن ياش - ئۆسمۈرلەر توپىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتۈردى.» شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۇەن يى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆپ مەنبەلىك، رەڭدار، ئۇلارنى چۆرىدىگەن تارىخىي ھېكايىلەر جانلىق، مول، بۇ، تېخىمۇ كۆپ ئالقىشلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئۈزۈلمەس ئېقىن سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇزېي كۈنىدە، شىنجاڭ مۇزېيى خۇنەن مۇزېيى، يۈننەن ئۆلكىلىك مۇزېي، ئەنخۇي ئۆلكىلىك مۇزېي، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مۇزېي بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئوتتۇرىغا چىقارغان «جىنلىن كەييۈن» ناملىق خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەجدىھا نەقىشلىك ئالتۇن توقا يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىيىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مەنبە، مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى شەكىل قىلىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلار ئارىسىدىكى «تۈمەنلىگەن تاغ - دەريالار، دۆلىتىمىزنىڭ بۈيۈك بىرلىكى» ھېكايىسىنى بايان قىلدى.