تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئەتىدىن باشلاپ شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەركىزىي بانكا: 5- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىلىدۇ
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى



    جۇڭگو خەلق بانكىسى شاڭخەي باش ئىشتابى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەردىكى شۆبە بانكىلار، ھەرقايسى سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىلار، دۆلەت ئىلكىدىكى سودا بانكىلىرى، جۇڭگو پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى، ھەرقايسى پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىلىرى:

    جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: 2024- يىلى  5- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىلىدۇ، شەخسلەر تۇنجى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆيى ئۈچۈن ئالغان بەش يىللىقتىن تۆۋەن (بەش يىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە بەش يىللىقتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %2.35 ۋە %2.85كە تەڭشىلىدۇ، شەخسلەر ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆيى ئۈچۈن ئالغان بەش يىللىقتىن تۆۋەن (بەش يىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە بەش يىللىقتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %2.775 ۋە %3.325تىن تۆۋەن بولماسلىققا تەڭشىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي بانكا تور بېكىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.