تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دائىم بۇ بەش ئىش بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغانلار دىققەت، بەدىنىڭىزدە «قەرەللىك بومبا» ساقلاۋاتىسىز

    يۇقىرى قان بېسىم سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان «قەرەللىك بومبا»غا ئوخشايدۇ، ئاز ساندىكى ئەھۋالدا، كېسەللىك يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، كېسەلنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن، قان بېسىممۇ نورماللىشىدۇ. لېكىن كۆپىنچە ئەھۋالدا، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى تاپقىلى بولمايدۇ، ئەمما بىز ئىرسىيەت ئامىلىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەر ئامىللىرىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
   بۈگۈن دۇنيا يۇقىرى قان بېسىمى كۈنى، بىز بىرلىكتە «يۇقىرى قان بېسىمى»دىن ئىبارەت بۇ «قەرەللىك بومبا»نىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقى ھەمدە بۇ بومبىنى قانداق قىلغاندا بىخەتەر «چۇۋۇغىلى» بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقايلى.

   

ھېرىپ چارچىغىنىڭىزدا بىر ۋاق ئوبدان غىزالىنىڭ

   ئىشلەپ ھېرىپ چارچىغاندا، دائىم ئاشپۇزۇلغا بېرىپ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى، ياكى ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىمىز. بىراق بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تۇز، ياغ تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، تەم سەزگۈمىزنى ئاسانلا تۇتۇۋالىدۇ، يۇقىرى تۇز (ناترىي) يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى ياغمۇ سالامەتلىككە زىيانلىق.

   «كەيپىياتىم نۆل، ئىككى رومكا قېقىۋېتەيچۇ»

   كۆپ ھاراق ئىچىش يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى (ئەرلەرنىڭ ئىسپىرت قوبۇل قىلىشى 41 ~ 60 گىرام، ئاياللارنىڭ 21 ~ 40 گىرام)، ھاراقنى كۆپ ئىچمىگەن تەقدىردىمۇ، ئىسپىرت قوبۇل قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق.

    «قورساق تويدى، تاماكا چېكىپ پۇخادىن چىقىۋالاي»

    تاماكا چېكىشنىڭ ئۆزى ساغلاملىققا زىيانلىق، ئۇ يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تاماكا چېكىش تېخىمۇ خەتەرلىك، تاماكا چېكىش يەنە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا تاماكا چېكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باشقىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

    «ئورۇقلاش بەك جاپالىق، سېمىزرەك بولغاننىڭ زىيىنى يوق»
    ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەر توپىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىل، بولۇپمۇ ئىچكى ئەزا تىپىدىكى سېمىزلەر ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

 

«تۇرمۇش ئاسان ئەمەس، زېھىن بەك خورايدۇ»
   ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشقان روھىي جىددىيلىكمۇ يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل، چۈنكى روھىي جىددىيلىك، جۈملىدىن تەشۋىشلىنىش، ئەندىشە قىلىش، قورقۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىمپاتىك نېرۋىنى قوزغىتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

    «يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئاقىۋىتى» 
   مېڭە سەكتىسى

   تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى

   يۈرەك زەئىپلىشىش

   بۆرەك كېسىلى

   يۇقىرى قان بېسىم

مېڭە سەكتىسى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋەقەسى (مەسىلەن: ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى)، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر مەسىلىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

     ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىنىڭ ئاخىرىدا بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.
    ئاپلا، قانداق قىلىش كېرەك؟

يۇقىرى قان بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە قارا ئىكران ھالىتى

قايتىدىن كېلەمسىز؟

   «دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلىپ، قانۇنىيەتلىك دورا ئىچىش»

   بارلىق يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشنى تەڭشەش ئارقىلىق قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ، كۆپ قىسىم ئەھۋالدا بىز قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىمىز. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قانۇنىيەتلىك دورا ئىچسەكلا بولىدۇ.

   
    «كالىينى ئاشۇرۇپ، ناترىينى ئازايتىش، مۇۋاپىق غىزالىنىش»

    قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدىغان تۇزنى ئازايتىش، تەركىبىدە ناترىي كۆپ بولغان پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، تەمى سۇسراق بولۇش ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، پۇرچاق تۈرى قاتارلىق تەركىبىدە كالىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش كېرەك. تەركىبىدە كالىي كۆپ، ناترىي ئاز يېمەك-ئىچمەكلەر قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق (بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك). ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە غىزالىنىش كۆرسەتمىسىدىن پايدىلىنىش كېرەك، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشنى كونترول قىلىش قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.


    «قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش»

    بەدەن ئېغىرلىقىنى ساغلاملىق دائىرىسى ئىچىدە كونترول قىلىش بىزنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق ئەھۋالىمىزنى ياخشىلىشىمىزغا پايدىلىق. ھەر ھەپتىدە 7-4 كۈن ھەر كۈنى جەمئىي 60-30 مىنۇت ئوتتۇرا ھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەت ( مەسىلەن: تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار ) قىلىشنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە بىۋاسىتە ياردىمى بولىدۇ.

    «تاماكا تاشلاپ، ھاراقنى ئازايتىش ساغلاملىققا پايدىلىق»

   تاماكا تاشلاش قان بېسىمنى بىۋاسىتە تۆۋەنلىتەلمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا تاشلاش يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى كېسەللىكلىرى خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھاراق ئەسلىدىنلا يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى ھاراق تاشلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە،تۇرمۇشتا ئادىمىگەرچىلىكتە ھاراق ئىچىشتىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇنداقتا بىز ئاز ئىچكۈدەك بولسا ئاز ئىچىشىمىز، ئىچمەيدىغان بولسا ئىچمەسلىكىمىز كېرەك.

   «بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، پىسخىكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش»

    خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىغا ياخشى تاقابىل تۇرالمىغاندا، روھىي جىددىيلىك كېلىپ چىقىشى ھەم قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا تەن ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا، بىز يەنە پىسخىكا ساغلاملىقىمىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، زۆرۈر تېپىلغاندا پىسخىكا، روھىي ساغلاملىق ساھەسىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ياردەم سورىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.