ھازىر دەل شال مايسىسى تىكىشنىڭ ياخشى مەزگىلى. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى ئەندىڭ كەنتىدە، شالچى دېھقان شال مايسىسى تىكىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ شاللىقتا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈپ، ياپيېشىل شال مايسىلىرىنى تەكشى، رەتلىك قىلىپ تۇپراققا تىكىۋاتاتتى. بۇ يىل، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى 70 مىڭ مو شال تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، يەر تۈزلەش ماشىنىسى، شال ئېتىزىغا سۇ تارتىش ماشىنىسى ۋە شال مايسىسى تىكىش ماشىنىسى قاتارلىقلاردىن بولۇپ، 2800 دىن ئارتۇق ماشىنىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شال سۈپىتىنىڭ ئەلا، مەھسۇلاتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا كۈچ قوشتى، مۆلچەرلىنىشىچە 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ ناھىيە شال مايسىسى تىكىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن.
(ئىختىيارىي مۇخبىر خۇا يەنمىڭ فوتوسى)
كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى شالچى دېھقانلارنىڭ شال مايسىسى توشۇشىغا ياردەم بەرمەكتە.
ئەندىڭ كەنتىدىكى شاللىقنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا، بىر ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى مەشغۇلات قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى