تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى

كۆپ خىل شەكىل، كۆپ خىل ۋاسىتە، كۆپ ئۆلچەملىك كۆرۈش نۇقتىسى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى پارتىيە ئىنتىزامى بىلىملىرىنى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا يەتكۈزدى، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار، يېڭى تاراتقۇلاردا مەخسۇس ئىستونلار ئېچىلدى... پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى قائىدىگە رىئايە قىلىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى قەلبىگە پۈكۈشكە يېتەكلىدى.

قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئۆتكۈزگەن پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا، پارتىيەلىك كادىرلار مەركەزلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە سىن فىلىمى كۆرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، «نىزام»نى بابمۇباب، ماددىمۇماددا، ئەينەن ئۆگەندى ھەم ئۆز خىزمىتى ۋە ئۆگىنىش تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

نۆۋەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى 492 پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) جەمئىي 180 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى باب، پاراگرافلار بويىچە «نىزام»نى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، 180 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلۇپ، 450تىن ئارتۇق بەنزە ئەزاسى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

«سۆيۈملۈك ئاڭلىغۇچى دوستلار، <شياۋخېنىڭ ئىنتىزامنى سۆزلىشى>نى ئاڭلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. ئالدىنقى قېتىمدا، بىز ... نى ئۆگەندۇق.» 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «شياۋخېنىڭ ئىنتىزامنى سۆزلىشى» پىروگراممىسىنىڭ 6 - سانى دەل ۋاقتىدا ئاڭلىتىلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا «شياۋخېنىڭ ئىنتىزامنى سۆزلىشى» ناملىق پىروگراممىنى تەسىس قىلىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان نوپۇزلۇق يېشىپ چۈشەندۈرۈلگەن ماقالىلەردىن مېغىزىنى تاللاپ، «نىزام»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى، مۇھىم مەزمۇنى، يېڭى - كونا ماددىلاردىكى پەرق قاتارلىق مەزمۇنلارنى سانغا بۆلۈپ تونۇشتۇردى. بۇ پىروگرامما ھەر چارشەنبە كۈنى كەچتە ئاڭلىتىلىدۇ، ھەر قېتىملىقىنىڭ ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئىنتىزامنى ئۆگىنىدىغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات، ھەر مىللەت ئامما ئىنتىزامنى بىلىپ نازارەت قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىلدى.

«دەرس سۆزلەش ھەققى، تەتقىقات تېمىسى ھەققى، مەسلىھەت بېرىش ھەققى قاتارلىق ناملار بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن سوۋغا بېرىش ھەرىكىتىمۇ بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر ماددىلارغا كىرگۈزۈلۈپتۇ، چۈشەنچەمدىكى گۇمانلارغا جاۋاب تېپىلدى.» پىروگراممىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى قانۇنچىلىق باشقارمىسى قانۇنچىلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ جېنۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «نىزام»نى رادىيودا ئاڭلىتىش شەكلىدە يېشىپ چۈشەندۈرۈش كۆپچىلىكنىڭ بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قولايلاشتۇردى، ھەم قولايلىق، ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىكەن.

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تور، گېزىت، ئىستانسا، مىكرو تاراتقۇ قاتارلىق سۇپىلارغا تولۇق تايىنىپ، مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «نىزام»غا ئالاقىدار بىلىملەرنى كۆز ئالدىدا نامايان قىلىپ، بارماق ئۇچىغا يەتكۈزۈپ، قۇلاق تۈۋىگە تارقىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ جانلىق ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى توردا يوللاش ۋە چارۋىچىلىق رايونىغا كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگىچە كىرگۈزۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئۆگىنىشتىن قالماسلىقى» «سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى «ئۇلانمۇچىر» لېكسىيە ئەترىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «نىزام»نى يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى نۇقتىلىق لېكسىيە مەزمۇنى قىلىپ، چارۋىچىلىق كەنتى (ئەترەت)لىرىدە ئالتە مەيدان قېتىم سەييارە لېكسىيە سۆزلىدى، 2000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، ئامما تەربىيەگە ئىگە بولدى.

قابا ناھىيەسى «مامكاپ» شەكلىدىكى چوڭ تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق 28 تارماق (ئورۇن)تىكى 64 نەپەر قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيسىدىن پىدائىيلار تەشۋىقات قوشۇنى تەشكىللىدى، ئۇلار توققۇز گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «يېزىلارغا، ئورگانلارغا، مەھەللىلەرگە، مەكتەپلەرگە، دۇكانلارغا كىرىپ»، يۈزتۇرا «قانۇننى سۆزلەپ»، نۇقتىدىن نۇقتىغا «نىزامنى چۈشەندۈرۈپ»، ئاممىنىڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى نازارەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتتى. پائالىيەت پۈتۈن ناھىيەدىكى 8000دىن ئارتۇق كادىر، ئاممىنى قاپلىدى، 2000 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىلدى.

ئەتراپىمىزدىكى دېلو مىساللىرى ئەڭ ياخشى دەرسلىك، ياخشى ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى كۆپ ھاللاردا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى تاۋلاپ، قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تىپىك دېلو مىساللىرى بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بەس - بەستە ئىبرەت تەربىيەسى فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيەلىدى.

ئاتۇش شەھىرى تىپىك دېلولارنى ئەينەك قىلىپ، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى «<سۇ چاشقىنى>نىڭ ھالاكەت يولى»نى سۈرەتكە ئېلىپ، ئەتراپتىكى دېلو مىساللىرى بىلەن «نىزام»دىكى ماددىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى سۆزلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى قەلبكە پۈكۈشى، ئىچكى جەھەتتە سۆز - ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

جىڭ ناھىيەسى ئۆز جايىدىكى «سەلبىي دەرسلىك»لەردىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىملىرىنى ئىشلەپ، «كۆچەت» «خىسلەت»تىن ئىبارەت ئىككى ۋەقەلىك تىياتىرىنى رېپېتىتسىيە قىلىپ، «تاڭيۈەن ئىچىدىكى <پاكلىق تەمى>» «پاكلىق ۋە كۆل» قاتارلىق پاكلىققا ئائىت مىكرو سىنلارنى سۈرەتكە ئېلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى «چۆكۈش شەكلى»دە ئىبرەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنە سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئىزدىنىپ، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ خىل ۋاسىتە، كۆپ ئۆلچەملىك كۆرۈش نۇقتىسىنى قوللىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «يېڭىلاپ»، «جانلاندۇرۇپ»، پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.