تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، پىراكتىكانت گې يەننىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى باشلاندى، كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئېڭى ۋە بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنى ئۆتكۈزۈش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۆگىنىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. كان ئەنئەنىۋى يۇقىرى خەۋپلىك كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ۋەقەلىرى ئاسان يۈز بېرىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر بىلەن قىسقا مەزگىللىك تەدبىرنى بىرلەشتۈرۈش، ماھىيەتتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەرەققىيات بىلەن بېخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، بىخەتەرلىك ئاساسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش كوللېكتىپىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەشنى دائىملىق ياخشى تۇتۇشى كېرەك. «ئاپتونوم رايوننىڭ كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2024 ـ يىلىدىن 2026 ـ يىلىغىچە )»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئۆزى ھادىسە، يوشۇرۇن خەۋپنى بايقىيالماسلىق ئەڭ زور يوشۇرۇن خەۋپ دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپەت پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن ئامىللارنى تەكشۈرۈشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ قوش ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆمۈركانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆمۈر كان ساھەسىدە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.