تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«گۈل ئىگىلىكى»نى جانلاندۇرغان بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەقىقەتەن قالتىس

   يېقىندا، كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسىنىڭ يەتتە قىزىل كەنتىگە جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسى گۈلچى دېھقانلار خاس يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بارغىنىمىزدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىزىلگۈل يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەي قالدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى يېزا ئىگىلىكى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارقىلىق قىزىلگۈل خاس كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ئىسراپىل مەتتۇرسۇن، ئاينۇر ئەسقەر)

 ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلار گۈلقەنت ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، قىزىلگۈل غۇنچىسى، قىزىلگۈل بەرگى، گۈل تاجىسى چېيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرى تور سۇپىسى ئارقىلىق مەھسۇلاتلارنى ساتماقتا. نۆۋەتتە، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، يىللىق كىرىم 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا يەتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.