تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ بازىرىدا قىزغىن سېتىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى گو چى يېڭىدىن سېتىۋالغان «فاڭچېڭباۋ» ماركىلىق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ساياھەتكە چىقتى.

«بۇ ئاپتوموبىل مېنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلىتىشتىكى بارلىق ئېھتىياجىمنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قاندۇردى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئاپتوموبىل ھەيدەشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇردى». گو چى مۇنداق دېدى: تاشقى كۆرۈنۈشى «چاسا قۇتا» شەكىللىك، كۆركەم ياسالغان، ئىچىنىڭ بېزىلىشى راھەت، ھەشەمەتلىك بولۇپ، ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، ھەرقايسى شەھەرلەردە، بىيادى، تېسلا، لىشياڭ، ۋېيلەي، لەنتۇ قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى بىر مەھەل «قاراپ بېقىش» پوزىتسىيەسىدە بولغان ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا تۇتۇش قىلدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.2 ھەسسە ئېشىپ، كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ھەم 12 - نۆۋەتلىك «1 - ماي» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 760 مىليون يۈەن بولدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ئۈرۈمچى جۈنچىن ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋېي يامىڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ بىر خىل ساپ توكلۇق دالا ئاپتوموبىلى بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىكى بازىرى ئىتتىك ئاپتوموبىل بولدى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى رەڭگىنى ئۆز ئالدىغا تاللىغىلى بولۇپلا قالماي، ئىچكى بېزىكىنىمۇ ئۆز ئالدىغا تاللىغىلى بولىدۇ، شۇڭا ياشلارنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

«مۇساپە ئاشۇرۇش تىپى» «توك - ماي ئارىلاش تىپ»تىكى ئاپتوموبىللار شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ «مۇساپە ئەندىشىسى»نى زور دەرىجىدە پەسەيتتى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سىڭىپ كىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، «ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش» ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسىگە ئايلىنىپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلەتتى.

يېقىندا، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق 14 تارماق بىرلىكتە «ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى. كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىن يارىتىلغان كەڭ ئىستېمال بوشلۇقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇنبەت تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى. ئۈرۈمچىدە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرغان گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ چۇەنچى ئاپتوموبىلىدىن 1 - پەسىلدە شىنجاڭ بويىچە 1249ى سېتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىل %17.29نى ئىگىلىدى.

گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لو خەيتيەن مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز تىپ ئۆزگەرتىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز بازارغا سېلىپ، تۆۋەن كاربونلۇق، يېشىللاشقان تەرەققىياتقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىققەتنى ئاپتوموبىلنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ھەمبەھرىلىنىدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ «كۈچلۈك، يادرولۇق مەھسۇلات»لارنى تىرىشىپ بازارغا سېلىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنى ھەمتۈرتكە بولۇپ، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىپ، ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساھەسىگە قاراپ قەدەم تاشلايدۇ.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل جەھەتتىكى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنىڭ تەڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار توكلاش - باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە بولغان توكلۇق ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىككى يىل ئىچىدە ئاممىۋى توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى ۋە شەخسىي توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنى كۆپ مىقداردا يېڭىدىن كۆپەيتىپ، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان توك قاچىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى سېتىش پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىت شۆبە شىركىتى توكلىغۇچ ئورنىتىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىستېمال يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇرماقتا. ھازىرغىچە جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى 65 توكلاش پونكىتى قۇردى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى سېتىش پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىت شۆبە شىركىتى 32 توكلاش پونكىتى قۇردى.

شىنجاڭ يەنە شەھەرلەرنىڭ توكلاش - باتارېيە ئالماشتۇرۇش تورىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىن شەھەر چېتىگە، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونلاردىن باشقا رايونلارغا تەرتىپلىك كېڭىيىشىگە پائال تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 3 - ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى ئاقسۇ شەھىرىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى ئاپتوماتلاشقان مەشغۇلات ئارقىلىق توكلاپ قويۇلغان گۇرۇپپىلانغان باتارېيەنى ئالماشتۇرىدۇ، 20 سېكۇنتتا تېز سۈرئەتتە باتارېيە ئالماشتۇرۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 400 ئاپتوموبىلنىڭ 900 قېتىمدىن 1000 قېتىمغىچە باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

«مېنىڭ ئاپتوموبىلىم ساپ توكلۇق، باتارېيە ئالماشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئاپتوموبىلدا ئولتۇرساملا بولىدۇ، يېرىم مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تولۇق توكلانغان باتارېيەنى ئالماشتۇرۇپ بولغىلى بولىدۇ، ۋاقىت ھەم كۈچ تېجىلىدۇ» دېدى ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى جاڭ يۇڭپىڭ.

كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: توكلاش - باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كۈتۈۋالىدۇ.

□مۇخبىرنىڭ تەسىراتى

ئارىسالدى بولۇشتىن ئېتىراپ قىلىشقىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قوزغىلىش سۈرئىتى تېز بولۇش، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان سىستېما ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش، ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالدى.

شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، ئىلگىرى بۇ جايدىكى ئىستېمالچىلار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى «كۆرۈپلا يالتىيىپ قالغان». ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىۋى توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى ئاشتى، ئىقتىدارى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى، باج كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق داۋاملىق ئالغا سىلجىتقاچقا، بارغانسېرى كۆپ شىنجاڭ ئىستېمالچىلىرى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ياقتۇرۇپ قېلىشقا باشلىدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ شىنجاڭ بازىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىدى.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياجىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئاشماقتا. دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاپتوموبىل كارخانىلىرى شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرۇشقا باشلاپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنى ئاچتى. شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى پارلاق دېيىشكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.