تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدىكى يەنە بىر قېتىملىق «جۇڭگو - فىرانسىيە ئۇچرىشىشى»

​− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيەدە 3 - قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى نى سىيى، خاۋ ۋېيۋېي، ليۇ خۇا

بىپايان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى چاقناپ تۇرغان جاي.

جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆپ قۇتۇپلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ كۈچ، يەرشارىۋىلىشىشنى قوللايدىغان ئىككى چوڭ بازار، كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ قانداق ئۆتۈشى، قانداق قىلىشى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەرشارىۋى ئەندىزىنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە، يىراقنى كۆزلەش ھەم ئەمەلدە كۆرسىتىش. يېڭى بىر يىلدا دۆلەت باشلىقى زىيارەتكە چىقىشتىن ئىبارەت چوڭ ئىش ياۋروپادىن باشلاندى.

بىرىنچى بېكەتتە، فىرانسىيەگە كەلدى. «ئالاھىدە دوست» «ئالاھىدە مۇناسىۋەت»؛ ھەم مەۋقەنى ئىككى تەرەپكە قويۇش، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن ۋەزىيەتكە يۈزلىنىش −

قول تۇتۇشۇپ 60 يىلنى بېسىپ ئۆتتى، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە قانداق قىلغاندا توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، كەلگۈسىنى ئېچىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈك موتورىنى زىممىگە ئېلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى جۇڭگو - فىرانسىيە كۈچىنى زورايتقىلى بولىدۇ؟

20 يىل مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، جۇڭگو - ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قانداق قىلىپ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ؟

جاۋابى يېشىللىققا پۈركەنگەن سېنا دەرياسى بويىدا يېزىلدى، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان پىرېنېس تاغ تىزمىسىدا يېزىلدى، جۇڭگو - فىرانسىيە ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ دوستانە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كەڭ سۆھبىتى جەريانىدا يېزىلدى، شەرق - غەرب مەدەنىيلىكى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ھالقىپ ئىللىق قول ئېلىشىش داۋامىدا يېزىلدى...

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش روھىغا ئىگە ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدىكى ھەربىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ، دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن».

5 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ «فىرانسىيە ۋاقتى» دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئورۇن بەلگىلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى بېكىتىش:

سەمىمىي دوستلاردىن، تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش

يەنە بىر قېتىملىق بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولغان پەيتتە، جۇڭگو - فىرانسىيە دوستلۇقىدا يەنە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

2014 - يىلى، 2019 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم باھاردا فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 60 يىل بولغان پەيتتە، يەنە بىر قېتىم گۈزەل فىرانسىيە زېمىنىغا قەدەم قويدى.

تۈرلۈك يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىززەت - ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئەزىز ھەم يېقىن دوستىنى قارشى ئالدى.

5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پارىژغا يېتىپ بارغاندا − زۇڭتۇڭ ماكرون زۇڭلى ئاتتالنى ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋېلىشقا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇردى. سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، رەئىس شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا، زۇڭلى ئاتتال جۇڭگو تىلىدا «ياخشىمۇسىز» دەپ يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھماندىن ئەھۋال سورىدى. قىزىل پاياندازنى بويلاپ ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، زۇڭلى ئاتتال رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ «جۇڭگو رىشتىسى»نى سۆزلەپ بەردى: بىر يىل جۇڭگو تىل - يېزىقى ئۆگەندىم، يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، يىنچۇەنگە زىيارەتكە باردىم. «سىز ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى ئۆلچەملىك سۆزلەيدىكەنسىز. سىزنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

ئايروپورتتىن تۇرىدىغان مېھمانسارايغىچە، موتوسىكلىت ئەترىتى ئىككى تەرەپتىن مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭدى. ھەيۋەتلىك زەپەر دەرۋازىسى ئالدىدا، جۇڭگو، فىرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى دوستلۇقنىڭ يارقىن يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى، قىزىل پىلاكاتلاردا زىيارەتنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا بولغان گۈزەل تىلەكلەر ئىپادىلەندى. شادىيانە داقا - دۇمباق چېلىنىپ، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئوينىلىپ، كەڭ شامپس - ئېلسې كوچىسى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتى − فىرانسىيەنىڭ مول ۋە قىممەتلىك تارىخىغا گۇۋاھ بولغان شەرەپ قۇچقان ھەربىيلەر سارىيى رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم دەرۋازىسىنى ئاچتى. ئالتۇن رەڭلىك ئەگمە ئۆگزىدە كۆپكۆك ئاسمان ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، ئاساسىي ھويلىنىڭ كارىدورغا تۇتاشقان تەرىپىدە، جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. ھەيۋەتلىك مارش ساداسى، تەنتەنىلىك پارات، بىر مەيدان داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، ساھىبخانىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ھۆرمىتى تولۇق نامايان بولغانىدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئېلسې سارىيىغا باردى، 148 ئاتلىق ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن مۇراسىم ئەسكەرلىرى ئاتلىق ئەترىتى ۋە موتوسىكلىت ئەترىتى يول بويى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭدى. ئاتلار كۆكۈچ كۈل رەڭ تاش ياتقۇزۇلغان يولدا تۇياقلىرىنى تاراقشىتىپ ماڭدى. سېنا دەرياسىدىكى ئەڭ گۈزەل ئالېكساندىر − 3 كۆۋرۈكىنى كېسىپ ئۆتكەندە، 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە چوڭ ئوردا، كىچىك ئوردىدىن ئۆتكەندە، دېگول جياڭجۈننىڭ ھەيكىلى ئالدىدىن ئۆتكەندە، كىشىنى خۇددى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن كارىدورىدا كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇراتتى.

دىپلوماتىيە قائىدە - يوسۇنلىرى «دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ بارومېتىرى». ئىككى ۋاقىت ئۆلچىمى جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇش، دادىللىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشتەك تارىخىي لوگىكا، رېئال ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دەۋر ئەھمىيىتىنى ئېچىپ بەردى.

بىرىنچى ئۆلچەم، 10 يىل، ئاساسىي لىنىيە دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى بولدى.

رەئىس شى جىنپىڭ 2014 - يىلى تۇنجى قېتىم فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قويۇق، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمىزدە. بەش يىلدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تېخىمۇ پۇختا، مۇقىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

بۇ قېتىمقى فىرانسىيە سەپىرىدە، يېڭى مەزگىلدىكى ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، مۇقىم بولغان، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىدىكى تىرىشىش يۆنىلىشى بولۇپ قالدى.

كۆپ قېتىم چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، كۆپ مەيدان قويۇق ھەمتۈرتكە بولۇندى، ئالغا ئىلگىرىلەشتە مەزمۇت قەدەملەر تاشلاندى.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئېلسې سارىيىدا، چاقناپ تۇرغان خىرۇستال ئاسما چىراغلار قارشى ئېلىش ئىشىكىنى يوپيورۇق يورۇتۇپ تۇراتتى. ئاساسىي بىنا پەلەمپىيىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، پۇتىغا پارقىراق ئۆتۈك، بېشىغا قىزىل پۆپۈكلۈك دوبۇلغا كىيگەن ئون ھۆرمەت قاراۋۇلى ھەيۋەت بىلەن قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى. يانمۇيان مېڭىپ، پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا چىقىپ، زۇڭتۇڭ ماكرون رەئىس شى جىنپىڭنى 2 - قەۋەتتىكى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سافادا ئولتۇرۇپ يۈزتۇرا پاراڭلاشتى، ئەسلىدە بېكىتىلگەن 30 مىنۇتلۇق كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت ئارقا - ئارقىدىن ئۇزارتىلىپ، 100 مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشتى.

«پىرېنېس تېغىنىڭ يۈرىكى» بولغان تۇرمالېت تاغ ئېغىزى تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، خاسىيەتلىك قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. بۇ يەردە زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلىرى ساقلىنىپ قالغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنكى تەبرىكلەش كۆرۈنۈشلىرى خاتىرىلەنگەنىدى. زۇڭتۇڭ ماكرون ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا نىسبەتەن «ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە» بۇ جاينى ئۆزى تاللاپ، قەدىناس دوستىنىڭ ئاشخانىسىدا رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن كىچىك دائىرىدە چۈشلۈك زىياپەت ئۆتكۈزدى. زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ رەپىقىسى بىرىگىت رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: «بۇ، زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ چەت ئەل رەھبىرىنى تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىشى».

تۆمۈردىن ياسالغان كالا قوڭغۇرىقى، قۇرۇتۇلغان سۈرلەنگەن چوشقا سېنى، ئالىچىپار ھايۋانات تېرىسى گىلىمى، شادىيانە پادىچىلار ئۇسسۇلى... جەنۇبىي فىرانسىيەنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئاددىي - ساددا خەلق ئۆرپ - ئادىتى نامايان بولۇپ تۇراتتى. ئۆينىڭ سىرتى كۈمۈش لىباسقا ئورالغان، ئۆي ئىچى ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دېرىزە تەرەپتە ئولتۇرۇپ، يىراقتىكى تاغ مەنزىرىسىنىڭ خىلمۇخىل ئۆزگىرىشچان ھالىتىگە نەزەر سېلىپ، دۇنيا ئىشلىرىدىكى تۈرلۈك ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، مەدەنىيلىك، ئىناقلىق، گۈزەللىك يولى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى. نىستىكى كېچىلىك سۆھبەتتىن يۈيۈەندە چاي ئىچىپ پاراڭلىشىشقىچە، سۇڭيۈەندىكى ئۇچرىشىشتىن قارلىق تاغدا سۆزلىشىشكىچە، جۇڭگو - فىرانسىيە دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىدە يەنە ئېسىل داستان داۋاملىق پۈتۈلدى.

تاغقا كىرىشتىن بۇرۇن ئۆتىدىغان باگنېرېس - دېبىگورې بازىرى زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ مومىسىنىڭ يۇرتى، ماكروننىڭ قەلبىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى ۋە دوستلۇق مېھرىگە تولغان «يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل ماكان» ئىدى. تېلېۋىزور، گېزىت، رادىيولاردا، ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقىلىپ، باگنېرېس - دېبىگورې بازىرى ۋە ئەتراپتىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرى جۇڭگو رەھبىرىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئۇقتى. شۇ جايدىكىلەر مۇنداق دېدى: «فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ئادىتىدە، يېقىن دوستى كەلسە، ئۇنى ئۆزى چوڭ بولغان جايغا باشلاپ بېرىپ كۆرسىتىدۇ. توغرا، بۇ دەل زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ رەئىس شى جىنپىڭنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسىتى!»

ئىككىنچى ئۆلچەم، 60 يىل، ئاساسىي لىنىيە جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى چىڭ ساقلاش بولدى.

ۋاقىت ئىسترېلكىسى 1964 - يىلىغا قايتۇرۇلدى. سوغۇق ئۇرۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە، 40 نەچچە خەتلىك بىر پارچە جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش قوشما ئاخباراتى خۇددى بىر گۈلدۈرمامىدەك خەلقئارا سەھنىدە «دىپلوماتىيە يادرو پارتلىشى» پەيدا قىلدى. «مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش»، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىنى بۇ سۆزلەرگە يىغىنچاقلىدى. 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، سەمىمىي دوستلاردىن، تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىر بۆلەك قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.

60 يىل تولۇق بىر نۆۋەت ئالمىشىش دەۋرى. قانداق قىلغاندا ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچقىلى، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچقىلى بولىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر، ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى قىممەتلىك تارىخقا، ئۆزگىچە قىممەتكە ۋە مۇھىم بۇرچقا ئىگە، ئىككى تەرەپ تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى 60 يىللىق يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشى كېرەك».

يېڭى يول بەلگىسى، يېڭى مۇساپە؛ يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى، يېڭى تارىخىي بۇرچ.

سوغۇق ئۇرۇشتىن قۇتۇلغىلى 30 نەچچە يىل بولغاندا، ئىنسانلار يەنە «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» خەۋپ - خەتىرىگە دۇچ كەلدى. ئىنتايىن تىنچ بولمىغان دۇنيادا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز بولغان خەۋپسىزلىك ئامىللىرى سىجىل گىرەلەشتى.

جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم پەيتىدە، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى يېتەكچىلىك رولى، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنيانىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئەھمىيىتى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.

ئېلسې سارىيىنىڭ باش ئەلچى زالىدا، جۇڭگو - فىرانسىيە دۆلەت باشلىقلىرى كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئىككى تەرەپ مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، <يېڭى سوغۇق ئۇرۇش> ياكى لاگېرلار قارشىلىشىشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ئۆزئارا چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەڭدار دۇنيادا ئىناق بىللە ئۆتۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، <ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش>كە ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك».

جۇڭگو - فىرانسىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى، ئىككى تەرەپنىڭ كۈنتەرتىپى بىلەن ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مەيدان پائالىيەت بولدى. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ دائىم ھەمتۈرتكە بولۇشنى ساقلاشتەك ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، گۇماننى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ياۋروپا قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنداق ئىككى «مۇھىم» ئېنىقلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ياۋروپانى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھ دەپ بىلىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مېتودولوگىيەسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە بۇرچنى قەتئىي ساقلاشنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمراھلىق ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك».

ئەسلىدىكى 40 مىنۇتلۇق ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىنىڭ ۋاقتى بىر ھەسسىگە يېقىن ئۇزارتىلدى. ئۇچرىشىش ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، زۇڭتۇڭ ماكرون ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدا ئۇچرىشىشتا تارتىلغان سۈرەتنى قوشۇپ، جۇڭگو تىل - يېزىقىدا يازما ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ماسلىشىش ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

يىراقنى كۆرەرلىك ۋە ئىجادىي پىكىر:

ھەمكارلىقنىڭ كەڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش

ئېلسې سارىيىنىڭ قىشلىق گۈللۈك زالىدا، قۇياش نۇرى كۆك، ئاق، قىزىل ئۈچ خىل رەڭلىك ئەينەك ئۆگزىدىن ئۆتۈپ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئاق رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىغا چۈشكەنىدى، جۇڭگو - فىرانسىيە تىل - يېزىقىدا يېزىلغان «جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى» دېگەن چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلار بىلەن ئورتاق كۆرۈشۈش ھالقىسى بولدى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن مەزمۇت قەدەم تاشلاپ كېلىپ، ئۇزۇن ئۈستەل ئالدىدىن ئورۇن ئالدى.

«يېشىل تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى» «ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» «يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەكلىك جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى كېلىشىمنامە» «ئۆزئارا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى»... مۇراسىم ئەمەلدارى ئۇزۇن نەتىجە تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ھەم «ئالىي، سەرخىل، ئىلغار» تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقى، ھەم «خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن» سودا ئالاقىسى بار ئىدى؛ ھەم خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەخت - سائادەت، ھەم خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈپ ئالماشتۇرۇشى بار ئىدى... ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرىدى.

18 تۈرلۈك تارماقلار ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى، 15 پارچە سودا توختامى. سالمىقى زور بولغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن دۇنيا جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى كۆردى، جۇڭگو چوڭ بازىرىنىڭ فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆردى، جۇڭگو - فىرانسىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ كەڭ ئىستىقبالى ۋە چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى كۆردى.

بولۇپمۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغىنى رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر بولدى: جۇڭگو تەرەپ «تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىشنى تېزلىتىدۇ» «فىرانسىيە قاتارلىق 12 دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتىلغان جۇڭگوغا قىسقا مۇددەتلىك كېلىشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ قەرەلىنى 2025 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئۇزارتىدۇ» «شاڭخەيدىن مارسېلغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىشنى قوللايدۇ» «كەلگۈسى ئۈچ يىلدا فىرانسىيەدىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىشىغا، جۇڭگوغا ئالماشتۇرۇشقا كېلىدىغان ياۋروپالىق ياش - ئۆسمۈرلەر كۆلىمىنىڭ بىر قاتلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ»...

زۇڭتۇڭ ماكرون ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش قىياپىتى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل قىياپىتى. فىرانسىيە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە ئەڭ بۇرۇن قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا جۇڭگو - فىرانسىيە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ئەندىزىسىدىكى ئۆزگىرىش، مەزمۇنىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى.

تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش پۇرسەت يارىتىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئۇرغۇتتى، «ئۆسۈپ يېتىلىش باش قېتىنچىلىقى»نىمۇ باشتىن كەچۈرمەكتە. ياۋروپادا، بەزىلەر جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە «ھەمراھ، رىقابەتچى، تۈزۈم خاراكتېرلىك رەقىب»تىن ئىبارەت ئۈچ بەلگىنى چاپلاپ، ئاتالمىش «جۇڭگو خىرىسى»نى مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئارىسىدىكى ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنى چوڭايتىۋاتىدۇ.

بىر تەرەپتىن خاتا تونۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئىككى تەرەپ يېشىل ۋە رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىشتە كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە غايەت زور ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە»؛

بىر تەرەپتىن ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك»؛

بىر تەرەپتىن ھەرىكەت يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى: «ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ئىدېئولوگىيەلەشتۈرۈش، پان خەۋپسىزلەشتۈرۈشكە ئورتاق قارشى تۇرۇش»، «جۇڭگو - ياۋروپانى ئۆزئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق ھەمراھ، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىدىكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ھەمراھ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىدىكى ئىشەنچلىك ھەمراھ قىلىپ بەرپا قىلىش»، «ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىش»...

فىرانسىيە سەپىرى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ خىل سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى چۈشەندۈرۈپ، ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە، جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئالغا بېسىشى، ياخشىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ئاتالمىش «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى نەزەرىيەسى» توغرىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى ئېچىۋېتىش رىقابىتىدە ھەقىقىي ماھارەتنى يېتىلدۈردى، ئۇ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەرشارىۋى تەمىناتنى بېيىتىپلا قالماي، يەرشارىۋى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يېنىكلەتتى، شۇنداقلا يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە غايەت زور تۆھپە قوشتى. مەيلى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك ياكى يەرشارىۋى بازار ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن قارىغاندا بولسۇن، ھەممىسىدە ئاتالمىش <جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى مەسىلىسى> مەۋجۇت ئەمەس».

قانداق قىلغاندا يېڭى ساھە ئېچىپ، يېڭى ئەندىزە يارىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا رەئىس شى جىنپىڭ سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر، فىرانسىيە يېشىل، ئىجادىي بولۇشنى ئاساس قىلغان <قايتا سانائەتلەشتۈرۈش>نى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، جۇڭگومۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ».

باشلامچىلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، مېخانىزم خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتنى باشلاشتىن، ئاۋىياتسىيە، يادرو ئېنېرگىيەسى، 3 - تەرەپ بازىرى قاتارلىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقىچە، يەنە باشلامچىلىق بىلەن ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش، ئۆزئارا مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈشكىچە... ئۆتكەن 60 يىلغا نەزەر سالساق، جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقى يىراقنى كۆرەرلىك ۋە جاسارەت بىلەن دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئەھۋال ئالدىدا، ئىككى تەرەپ يېتەرلىك ئىجادىي پىكىرگە ئىگە بولۇپ، گۈزەل يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

ئىككى كۆرۈنۈش ئۇنتۇلغۇسىز بولدى.

بىرى، ئېسكۇلۇس دەرىخى سايە تاشلاپ تۇرغان ماگرىنى تىياتىرخانىسى. جۇڭگو - فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 6 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، كارخانىلىرى قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن 200دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولدى.

فىرانسىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى كەلدى، ئالستوم گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى كەلدى، سۇۋەيش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىمۇ كەلدى... بۇ قېتىم، ئۇلار جۇڭگولۇق ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىق چوڭ كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇلتۇر 4 - ئايدا، زۇڭتۇڭ ماكرون جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بۇ گۇۋاھچىلار، قاتناشقۇچىلار، مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىمۇ بىللە كەلگەن «كاتتا ۋەكىللەر ئۆمىكى»نىڭ ئەزالىرى ئىدى.

«جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىدا بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان كۈچلۈك ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇناسىۋىتى شەكىللەندى» «جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇشى يوق، تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش روھىي ئورتاقلىقى بار، پارلاق مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىر - بىرىنى جەلپ قىلىش بار، تېخىمۇ مۇھىمى، مەنپەئىتى كەڭ دائىرىلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقى بار» «ئۆرنەك قىلىدىغان تارىخى بار، تايىنىدىغان رېئاللىقى بار، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرماسلىققا باھانىسى يوق»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى. ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى كۆڭۈل قويۇپ ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پات - پات خاتىرە قالدۇردى.

«جۇڭگو تەھدىت ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىق ھەمراھى» «ئىشىنىمەنكى، بىز چوقۇم ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالايمىز» «ئەگەر جۇڭگو بازىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىساق، باشقا ھەرقانداق بازاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز»... جۇڭگو مۆجىزىسىگە بولغان ئىشەنچ، جۇڭگو پۇرسىتىنى قەدىرلەش يىغىن مەيدانىنى قىزغىن كەيپىياتقا تولدۇردى. زۇڭتۇڭ ماكرون مۇنداق تەكىتلىدى: فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش» جەھەتتە ھېچقانداق ئويدا بولۇپ باقمىدى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

يەنە بىر كۆرۈنۈش، پىرېنېس قارلىق تېغىدىكى «پادىچىلار ئۆتىڭى» تاماقخانىسى. «يىراقتىن دوستلار كەلسە، خۇشال بولماي تۇرالامدۇق»، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى ئالاھىدە سوۋغا تاپشۇرۇۋالدى.

سوۋغىنىڭ بىرى ئۆتەڭ ئىگىسى ئابادى سوۋغا قىلغان ئۆز ئۆيىدە تەييارلىغان بىگېر سۈرلەنگەن قارا چوشقا سېنى. شۇ جاينىڭ ئۆرپ - ئادىتىدە، سۈرلەنگەن چوشقا سېنى ساغلاملىق ۋە مول ھوسۇلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئائىلە ئىناقلىقى، تۇرمۇشنىڭ باياشاتلىقىغا بولغان گۈزەل تىلەك مۇجەسسەملەنگەن.

زۇڭتۇڭ ماكرون رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنى نەق مەيداندا توغراپ تەييارلىغان سۈرلەنگەن چوشقا سېنى ۋە شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھاراقنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ ھەم مېھماندوستلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەنلىك، شۇنداقلا ھەمكارلىققا بولغان قىزغىن تەلپۈنۈشنى يەتكۈزگەنلىك.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تۈرتكە بولغان «فىرانسىيە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن جۇڭگو تاماق ئۈستىلىگىچە» مېخانىزمى قوزغىتىلدى، فىرانسىيە تەرەپكە ئاساسلىق مېھمان دۆلەت سۈپىتىدە 7 - نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش تەكلىپنامىسىمۇ ئەۋەتىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ زۇڭتۇڭ ماكرونغا مۇنداق دېدى: فىرانسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىشىنى قارشى ئالىمىز.

يەنە بىر سوۋغا بولسا زۇڭتۇڭ ماكرون سوۋغا قىلغان فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى چېمپىيونىنىڭ سېرىق رەڭلىك يول باشلاش مايكىسى ئىدى. «تۇرمالېت تاغ ئېغىزى فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىدىكى ئاجايىپ بىر بېكەت، فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىدە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقنىڭ سىيماسىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.» زۇڭتۇڭ ماكرون رەئىس شى جىنپىڭغا شۇنداق دېدى.

فىرانسىيە بىرىنچى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەربتىكى چوڭ دۆلەت بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو بىلەن ئەڭ قويۇق تەنتەربىيە ئالاقىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى.

ئالدىنقى كۈنى، ئېلسې سارىيىدا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى ئۆزئارا سوۋغا قىلدى. ئۈچ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلى مەرمەر تاش ئۈستەلگە قاتار تىزىلغانىدى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرونغا پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، مەن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن. جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى فىرانسىيەگە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىدۇ».

جۇڭگو - فىرانسىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىقى تەرەققىيات مۇنبىرى، جۇڭگو - فىرانسىيە كىتاب ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، «جۇڭگو بىلەن ئۇچرىشىش» 2024 - يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باش تېما كۆرگەزمىسى... رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يىلى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىقتىساد - سودا رىشتى، مەدەنىيەت رىشتى، تەنتەربىيە رىشتىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

ئەندىزە ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت:

تارىخ مەشئىلى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇش

كەچقۇرۇندىكى ئېلسې سارىيى قەدىمىي گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرگەن سۇس كۆك ئاسماندا رەڭگارەڭ ھەسەن - ھۈسەن خۇددى ئۇزۇن كۆۋرۈككە ئوخشاش شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى.

بايرام زالىدا، زۇڭتۇڭ ماكرون ۋە رەپىقىسى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن كاتتا دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

دوستلار جەم بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيلىك سىمفونىيەسى ياڭرىدى. جۇڭگولۇق پىيانىنوچى لاڭ لاڭ ئالدى بىلەن ئېلسې سارىيى مۇزىكا ئەترىتى بىلەن بىللە فىرانسىيەلىك كومپوزىتور ساينت سىنسنىڭ ئەسىرىنى ئورۇنلىدى، ئارقىدىن «يەسىمەن گۈلى» دېگەن مۇزىكىنى ئورۇنلىدى. پىيانىنونىڭ تىللىرى ۋە سىم تارىلىرىدىن تەسىرلىك مېلودىيە ياڭراپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيىتى يەنە بىر قېتىم ئۆزئارا سىڭىشتى.

مەدەنىيلىك سۇغا ئوخشايدۇ، مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو - فىرانسىيە دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى قويۇق مەدەنىيلىك ئاساسىي رېڭىنى بېيىتماقتا.

ئېلسې سارىيىدىكى سىزما رەسىم زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى زۇڭتۇڭ ماكرون ۋە رەپىقىسى بىلەن جەم بولۇپ كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى.

«بۇ، مەن سىزگە سوۋغا قىلىدىغان بىر قىسىم كىتابلار، ھەممىسى جۇڭگودا تەرجىمە قىلىنغان فىرانسىيە رومانلىرى.» ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپلا، رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيە مەدەنىيىتىگە تولىمۇ قىزىقاتتى، بۇ، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ھارپىسىدا زۇڭتۇڭ ماكرون ئۈچۈن ئۆزى تاللىغان سوۋغا ئىدى.

كىتاب سورۇننى قويۇق مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە قىلدى، مەدەنىيەت تومۇرى ئۈزۈلمەي ئاقتى. زۇڭتۇڭ ماكرون كىتاب تىزىملىكىنى ئېلىپ، تەپسىلىي كۆردى: «ھيۇگو، فلوبېرت، ستېندال، رومىن روللان...»

رەئىس شى جىنپىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى سىلاپ تۇرۇپ بىر - بىرلەپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «93 - يىل» «بوۋارى خانىم» «قىزىل ۋە قارا» «پېرىگورېئوت بوۋاي» «چوغلۇق قىز» «ئۈچ مەرگەن»... ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولغان بۇ «قەدىناس دوستلىرى» چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ قەدەم ئىزىغا ئەگىشىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.

كىتاب ئارقىلىق دوستلىشىش، ئەسەر ئارقىلىق ئىدىيە ئىپادىلەش. نىستىكى كەچلىك سۆھبەتتە، زۇڭتۇڭ ماكرون رەئىس شى جىنپىڭغا 1688 - يىلىدىكى «مۇھاكىمە ۋە بايان ئوقۇش يېتەكچىسى»نىڭ فىرانسۇز تىل - يېزىقىدىكى قول يازما نۇسخىسىنى سوۋغا قىلدى؛ يۈيۈەندە چاي ئىچىپ پاراڭلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرونغا 1899 - يىلىدىكى فىرانسىيەنىڭ داڭلىق ئەسىرى «چوغلۇق قىز»نىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى تۇنجى تەرجىمە نۇسخىسىنى سوۋغا قىلدى. بۇ قېتىم پارىژدا يەنە جەم بولغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كېلىشىۋالغاندەكلا يەنە «كىتاب سوۋغا قىلىش»نى تاللىدى.

«ئەڭ زور ئىرادە ئەڭ يۈكسەك ئەقىل - پاراسەت ھاسىل قىلىدۇ.» 2015 - يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھيۇگونىڭ «پاجىئەلىك دۇنيا» دېگەن ئەسىرىدىكى سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلىپ، پارىژ يىغىنىدا قانائەتلىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغانىدى. زۇڭتۇڭ ماكرون رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە يازغۇچىسى ھيۇگونى «ئالاھىدە ياقتۇرىدىغانلىقى»نى ئىزچىل ئېسىدە ساقلاپ كەلدى. بۇ قېتىم، ئۇ ئالايىتەن رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن ھيۇگونىڭ 1856 - يىلى نەشر قىلىنغان «خىياللار خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىنى تەييارلىدى.

«شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئەزەلدىن بىر - بىرىدىن زوقلىنىپ، بىر - بىرىنى جەلپ قىلىپ كەلدى.» رەئىس شى جىنپىڭ بۇنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى، ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

فىرانسىيە مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە خۇشتار بولۇشىدىن جۇڭگو خەلقىنىڭ فىرانسىيە مەدەنىيەت مەشھۇر ئەربابلىرىنى پىششىق بىلىشىگىچە؛ 150 يىل ئىلگىرى فىرانسىيەلىك زاتلار قۇرۇشقا قاتناشقان فۇجيەن كېمىسازلىق مەكتىپىدىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ قېتىرقىنىپ بىلىم ئېلىشىغىچە... فىرانسىيە سەپىرى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زامان - ماكاندىن ھالقىغان جۇڭگو - فىرانسىيە ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»تەك ئورتاق ئەسلىمىلىرىنى ئويغاتتى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلب ئارىلىقىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى.

يەنە ئاشۇ سەمىمىيلىككە تولغان، چوڭ دۆلەت ئىشەنچىنى نامايان قىلىدىغان «مەدەنىيلىك بايانلىرى» تارىخنىڭ نۇرى ئارقىلىق ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى يورۇتۇپ بەردى.

− «جۇڭگو تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغاپ باقمىدى، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر سۇڭ يېرىنىمۇ ئىگىلىۋالمىدى. جۇڭگو يەنە دۇنيادىكى تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن بىردىنبىر دۆلەت، يادرو چوڭ دۆلەتلىرى ئىچىدە يادرو قورالىنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەرگەن بىردىنبىر دۆلەت».

− «بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىل مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دۆلەت قىياپىتىدە ۋە خەلق تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، لېكىن بىر نۇقتا ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ئاق كۆڭۈل تەبىئىتىمىز، كەڭ قورساق، سىغدۇرۇشچان كۆڭلى - كۆكسىمىز ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان ئىنتىلىشىمىز، ئۇ 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن».

− «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى دۇنيادا 5000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان، شۇنداقلا ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىردىنبىر مەدەنىيلىك. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، جۇڭگولۇقلاردا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان دۆلەت ئىدىيەسى بار، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ».

...

زۇڭتۇڭ ماكرون چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «رەئىس ئەپەندى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگونىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىدىيەسى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى چۈشەندىم، جۇڭگونىڭ مۇھىم مەسىلىلەردىكى مەيدانىغا بولغان تونۇشۇم چوڭقۇرلاشتى».

رەپىقىلەر دىپلوماتىيەسى ئوخشاشلا مەدەنىيلىك نۇرلىرىنى چاچتى. زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ رەپىقىسى برىگىتنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن «ئىمپرېسسىئونىزم سارىيى»دىكى ئوساي مۇزېيىغا كىردى، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ رەپىقىلىرى مونېت، ۋان گوك قاتارلىق رەسساملارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ئالدىدا توختاپ ھۇزۇرلاندى، بالىلارنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش كەچۈرمىشىنى ھەمبەھرىلىشى، جۇڭگو مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشىگە قۇلاق سالدى. دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭى ئۈمىد بار بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىغا يەنە بىر قېتىم كەلدى، ھەممە شۇنداق يېقىملىق ئىدى. مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدە ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى شەرەپ گۇۋاھنامىسى يەرشارىۋى قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جۇڭگو تۆھپىسىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى. بۇ ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىزچىل قول تۇتۇشۇپ تىرىشتى.

مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۈچى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە ئەندىزىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان.

60 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت سوغۇق ئۇرۇش قاشاسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر - بىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغانىدى.

60 يىلدىن كېيىن، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشتىكى جۇڭگو - فىرانسىيە كۈچىدىن زور ئۈمىد كۈتتى: «جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە گەرچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىگە تەۋە بولۇپ، قىممەت ئىدىيەسى، جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشسا بولىدۇ».

زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە بىرلىكتە تۆت قوشما بايانات ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچى خەلقئارا قىزىق نۇقتا ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قوشما باياناتتا ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت تىنچلىق مەيدانى ئېنىق بىلدۈرۈلدى. «ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇپ، غەززە رايونىنى كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشكە، پۇقرالارنى قوغداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، دەپ تەكىتلىدى» «ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى 2024 - يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئولىمپىك روھىغا ئەمەل قىلىپ ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى»... بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مۇراجىئىتى ناھايىتى ۋەزىنلىك بولدى.

جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە دېڭىز - ئوكيان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قوشما بايانات ھەمدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتتا يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ھەمكارلىشىش كۈچى نامايان قىلىندى. بىر - بىرى ئوتتۇرىغا قويغان پايدىلىق كۆپ تەرەپلىك تەشەببۇس، ئۆتكۈزگەن مۇھىم خەلقئارا يىغىنلارنى قوللاش ئەنئەنىسى داۋاملاشتۇرۇلدى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ فىرانسىيە تەرەپنىڭ 2025 - يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز - ئوكيان يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى. رەئىس شى جىنپىڭ سەۋرچانلىق بىلەن مۇنداق ئىزاھلاپ چۈشەندۈردى: «جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ياۋروپا خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن زەربىسىنى چۈشىنىدۇ. جۇڭگو ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەيدا قىلغۇچى ئەمەس، شۇنداقلا ئالاقىدار تەرەپمۇ ئەمەس، قاتناشقۇچى تەرەپمۇ ئەمەس، لېكىن بىز ئىزچىل كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئويناپ كەلدۇق».

ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ كۆپ يېتەكچىلىك ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، گاڭگىراش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۇنياغا بىرلىكتە ئۈمىد بېغىشلاپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىش يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدەندى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى تىرىشچانلىقى، يېڭى ھەرىكىتى زۇڭتۇڭ ماكروننى پۈتكۈل يەرشارىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندا، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، «ياۋروپانىڭ جۇڭگو بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

جەنۇبى فىرانسىيەدىكى تاربېس رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى فىرانسىيە سەپىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بېكەت. زۇڭتۇڭ ماكرون ۋە رەپىقىسى ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. ئايروپىلان شوتىسى ئاستىدىكى قىزىل پاياندازنىڭ يېنىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى بىر - بىرىگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.

«زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغىنىغا رەھمەت، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۇنتۇلغۇسىز بولدى.» رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى، بېيجىڭدا يەنە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى.

ئايروپىلان تاربېس ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، يىراق ئۇپۇققا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىدى: «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، تارىخىي جۇغلانما، رېئال ئاساس، كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلان بولسىلا، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى مۇقەررەركى باھاردەك ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، گۈللەپ ياشنايدۇ».

جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى 60 يىلغا قەدەم قويدى، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: خەن لياڭ، ياڭ يىجۈن، خەن بىڭ، ليۇ فاڭ، مياۋ شياۋجۈەن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.