تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇداپېشتتىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بۇداپېشت، 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار مياۋ شياۋجۈەن، جوۋ شىن) شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇداپېشتتىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى. مەن زۇڭلى ئوربان بىلەن سەمىمىي، دوستانە، مول نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق ھەم بىر قاتار مۇھىم ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا گۇۋاھ بولدۇق. مېنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىم بار.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن زۇڭلى ئوربان بىلەن بىردەك مۇنداق قارىدۇق: ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ كەلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىشىمىز كېرەك، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى جاكارلاشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

بىز ھەممىمىز، سىياسىي جەھەتتىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، دەپ قارايمىز. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەتلەر، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، ۋېنگىرىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.

بىز ھەممىمىز، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋېنگىرىيەنىڭ «شەرققە ئېچىۋېتىش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كەلگەن، دەپ قارايمىز. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋېنگىرىيە ـ سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

بىز ھەممىمىز، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە، دەپ قارايمىز. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇشنى داۋاملىق قوللاپ، ئۆزئارا تەسىس قىلغان مەدەنىيەت مەركەزلىرى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، قوش يۆنىلىشلىك خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق شارائىت يارىتىدۇ.

بىز ھەممىمىز، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى، دەپ قارايمىز. جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە ئىككى تەرەپ جۇڭگو _ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ھەمراھ دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ.

بىز بىردەك مۇنداق قارايمىز: جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنياغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

ئوربان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋېنگىرىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ۋېنگىرىيە ـ جۇڭگو دوستلۇقى چوڭقۇر، مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم. ۋېنگىرىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئارقىلىق خەلققە بەخت ياراتتى. جۇڭگونىڭ ۋېنگىرىيە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان پەيتتە قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ئەندىزىسىدىكى مۇھىم ۋە ئاكتىپ كۈچ. ۋېنگىرىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق رايون توقۇنۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەسىنى قوللايدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپ ۋېنگىرىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ھەرقايسىسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە مۇستەھكەم ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.