تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

5-ئاي نامى بىلەن شىنجاڭنىڭ چىرايلىق ياز كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش

5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالتاي كۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ھەممىلا يەردە توپ-توپ پەسىل قۇشلىرىنىڭ سۇدا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆبېن نىغمەت فوتوسى

    5-ئاينىڭ يېتىپ كېلىشى ھاياتىي كۈچكە تولغان يازنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياز تىلغا ئېلىنسا، سىزنىڭ ئېسىڭىزگە نېمە كېلىدۇ؟ ئالتاي كۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى سۇدا ئويناۋاتقان قۇشلارمۇ، ياكى چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونىدىكى ياۋا چوغلۇق جىلغىسىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان چىرايلىق گۈللەرمۇ، شۇنىڭدەك ئالتاي شەھىرى بەيگە تۆپە كەنتىدىكى ئوتلاقتا چېپىپ يۈرگەن ئات توپىمۇ... ياز كۈنلىرىدىكى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل شىنجاڭ كىشىلەرگە ھەمىشە ئوخشىمىغان يېڭى تەسىراتلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار كۆبېن نىغمەت، ياڭ خۇاگۇاڭ، ليۇ شىخې، لى خۇابېي)

5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالتاي كۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر. كۆبېن نىغمەت فوتوسى

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر تاغ گۈللىرى چىرايلىق ئېچىلغان چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونىدىكى ياۋا چوغلۇق جىلغىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر تاغ گۈللىرى چىرايلىق ئېچىلغان چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونى ياۋا چوغلۇق جىلغىسىدا باھار سەيلىسى قىلىپ گۈللەرنى تاماشا قىلماقتا. ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر توپ ئات ئالتاي شەھىرىنىڭ بەيگە تۆپە كەنتىدىكى ئوتلاقتا ئوتلىماقتا، چېپىپ يۈرمەكتە. ليۇ شىخې فوتوسى

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، يىلقىلار ئالتاي شەھىرىنىڭ بەيگە تۆپە كەنتىدىكى ئوتلاقتا ئوتلىماقتا، چېپىپ يۈرمەكتە. ليۇ شىخې فوتوسى

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، مايتاغ چوڭ جىلغىسىدا ساياھەتچىلەر ئەينەك كۆۋرۈكتە دارۋازنىڭ بوشلۇقتا پولات سىمدا مېڭىش ئويۇنىنى كۆرمەكتە. لى خۇابېي فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.