يېقىندا، غۇلجا شەھىرى پەنجىم بازىرى ئاقتۆپە كەنتىنىڭ قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى قېرىنسىمان موگۇلار يىغىۋېلىش پەسلىگە كىردى، تۇتاش كەتكەن قېرىنسىمان موگۇلار قوڭۇر رەڭلىك «كىچىك كۈنلۈكى»كە ئوخشايتتى، دانىسى تولۇق ھەم چوڭ بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا شەھىرى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر سۇن ۋۇجيەن)
قېرىنسىمان موگۇ قۇرۇتۇش سېخىدا، ئىشچى ئۈزۈپ كەلگەن يېڭى قېرىنسىمان موگۇلارنى قۇرۇتۇش ماشىنىسىنىڭ تەگلىكىگە تەكشى يېيىتتى، بۇ موگۇلار يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە قۇرۇتۇلىدۇ.
ئىشچى يېڭىدىن ئۈزگەن قېرىنسىمان موگۇلارنى كۆرسەتمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى