تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

5-ئايدىكى ئۈجمە ئەڭ ياخشى  يېڭىلىقنى تېتىپ بېقىشنىڭ دەل ۋاقتى

ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ

ئۈجمە زور مىقداردا بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى

قىزىل، سۆسۈن، قارا، ئاق  

ئۈجمىلەر بۈككىدە شاخلار ئىچىدىن ماراپ        

كىشىنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى

پىشقان ئۈجمە تاتلىق، شىرنىلىق

بۈگۈن

​سىزگە چىرايلىق ھەم يېيىشلىك ئۈجمىنى تونۇشتۇراي

 

رەڭگارەڭ ئۈجمىلەر ئارقا-ئارقىدىن شاخلارغا «قوندى» 

توق پىشقان مېۋىلىرى مەيىن شامالدا يېنىككىنە ئىغاڭلىسا

كىچىكلىرى ناھايىتى ئوماق ئىدى

 ئۈجمە تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار

قەنت مىقدارى يۇقىرى

يەنە مېۋە كىسلاتاسى، مېۋە يېلىمى، كاروتېن

ۋە ئاسكوربىك كىسلاتا ماددىسى(抗坏血酸素) قاتارلىقلار بار

كۈندىلىك ۋىتامىن تولۇقلاش مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن

ناھايىتى ياخشى بىر تاللاش بولالايدۇ

ئۈجمىنى يېڭى ئۈزۈپ يېگەندىن باشقا

يەنە ھاراققا چىلاشقا، ئۈجمە شەربىتى سىقىپ ئىچىشكە بولىدۇ

ئۈجمە يوپۇرمىقىنى قورۇپ چاي تەييارلاشقا بولىدۇ

ئوخشاش بولمىغان يېيىش ئۇسۇلىدا ئوخشاش بولمىغان مەززىلىك تەمگە ئېرىشەلەيسىز

بۇ قاتار-قاتار بېغىررەڭ، بىنەپشە مېۋە

ئۇزۇنچاق ئۈجمە دېيىلىدۇ، سىز يەپ باققانمۇ؟

كۆپچىلىككە بىر خۇش خەۋەر ئېيتاي

بۇ يىل

لوپ ناھىيەسى سىناق قىلىپ تېرىغان ئۇزۇنچاق ئۈجمە مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى

ئۇزۇنچاق ئۈجمە پىشقاندىن كېيىن

تەمى، سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى

مېۋىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8 سانتىمېتىردىن 12 سانتىمېتىرغىچە

قەنت مىقدارى يۇقىرى، چۈچۈمەل ئەمەس، يېڭى پېتى يېيىشكە ماس كېلىدۇ

بىر قەدەر يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە

  بىرنى يېسىڭىز ياز ھىدىنى ھېس قىلالايسىز

بۇلار سىزنى ھاياجانلاندۇردىمۇ؟

 (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيا چىڭ سۈرەتلەرنى رەتلىگەن)

                            مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.