تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى باشلاندى شىنجاڭدىن 22 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا، گو خۇڭلېي خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى گۇيياڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 22 ماھىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى مۇسابىقە ئايرىمىسى بويىچە 11 تۈردە مۇسابىقىلىشىدۇ.

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى گۇيياڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. سۈرەتتە: شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا كىرىپ كۆرگەزمە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا فوتوسى 

    بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى، گۇيياڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقە «ئىخچام، يېشىل، بىخەتەر، خاس بولۇش»نى نىشان، «ماھارەت قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، جەمئىي 701 ماھىر مۇسابىقىگە، 700گە يېقىن رېپىر رېپىرلىق خىزمىتىگە قاتناشتى. تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە سېلىشتۇرغاندا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ئومۇمىي سانى %10ئاشتى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئوتتۇرا مەكتەپ، داشۆ، ئاسپىرانت قاتارلىق ئوقۇش تارىخى قاتلىمىنى قاپلىدى.

    5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار يېزىلاردىكى ئەمەلىي ماھارەتنى چۆرىدەپ، مۇسابىقىدە تەسىس قىلىنغان تام قوپۇرۇش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش، توكچىلىق، چاچ ياساش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، بوۋاق پەرۋىشى، جۇڭگوچە پېچىنە-پىرەنىك، ئاشخانا مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، چاي سەنئىتىدىن ئىبارەت 11 مۇسابىقە تۈرىدە كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ. 

    مۇسابىقىنىڭ ھەربىر مۇسابىقە تۈرىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى. مۇسابىقىدە دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆلچەم قىلىنىپ، تېخنىكا قائىدىسى بېكىتىلدى؛ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار كەسپىي ئۆلچىمى بويىچە 3- دەرىجىلىك (ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى) ئاساس قىلىنىپ، ساھە تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئائىت ساھەلەردىكى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ سەۋىيە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ تېخنىكا ھۆججىتى تۈزۈپ چىقىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، يېزا - كەنتلەرنىڭ خاسلىقىغا تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، قولدا كەشتە تىكىش، قولدا توقۇشنى ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلدى.

    مۇسابىقىنىڭ ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئالدىنقى 3-لىككە ئېرىشكەن ماھىرلارغا «مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى» دېگەن نام بېرىلىپ، مۇكاپات ئىزنىكى، مېدال ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. مۇسابىقىنىڭ ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدال تەسىس قىلىندى. ئالدىنقى 6 ماھىرنىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن  رەت تەرتىپىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ 1/2دىن يۇقىرى بولغان ماھىرلارغا ئۈستۈنلۈك مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالغا ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ كەسپىي ماھارەت دەرىجىسى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئۆستۈرۈلىدۇ.

   كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىدە مۇھىم يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز رايون مۇسابىقىسىنى باشلامچى، مەخسۇس تۈر، ساھە ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى ئاساسىي گەۋدە، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىدا چېنىقىش، مەكتەپلەرنىڭ تېخنىكا مۇسابىقىسىنى ئاساس قىلغان، شىنجاڭنىڭ رايون خاسلىقىغا ئىگە كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، ھەر يىلى تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى 100 مەيداندىن ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نەچچە يۈز مىڭ ئادەم قېتىمنىڭ ئىش ئورنىدا چېنىقىش، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇندى، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر يۇقىرى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاش تېزلىتىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كۈچلۈك ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.