تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قوش يۆنىلىشلىك ئاتلاندى، شىنجاڭدا چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش ساياھىتى قىزىپ كەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، شىنجاڭ لوۋلەن جىنجوۋ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى گاۋ جياڭخۇي دوستلار چەمبىرىكىگە «جۇڭگو شىنجاڭ + ئوتتۇرا ئاسىيا (شىنجاڭ ـ ئوتتۇرا ئاسىيا) مەخسۇس لىنىيەسى: بىر كىشىلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتى، تارقاق ساياھەتچىلەرنى ھەر كۈنى يولغا سالىمىز» دېگەن خەۋەرنى يوللاپ، ئۆزىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ، 8 ـ كۈنلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ يولغا سالىدىغان چېگرا ھالقىغان ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلدى ۋە كېڭەيتتى. دەل شۇ چاغدا، شىنجاڭ توفېڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار تەشكىللىگەن ئۆزى ھەيدىگەن 13 ئاپتوموبىل، 40 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ساياھەت ئۆمىكى قازاقىستاندا چەت ئەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى.

چېگرادىن چىقىش ساياھىتى جانلىنىش بىلەن بىللە، شىنجاڭدا چېگرادىن كىرىش ساياھىتىدىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى 869 مىڭ 100 ئادەم قېتىم، ياراتقان خەلقئارا ساياھەت كىرىمى 594 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %421.49، %353.77 ئاشقان.

چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش ساياھىتىنىڭ كۈنسېرى قىزىپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. جۇڭگونىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەم ئۈرۈمچىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنىڭ پايدىسىنىڭ گىرەلىشىشىگە ئەگىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت ئالاقىسى تېخىمۇ كۆپەيدى، تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ساياھەت، چېگرا ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىنى روشەنلەشتۈردى، قولايلىق بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش شارائىتى، ئەتراپلىق بولغان چېگرا ھالقىغان ساياھەت مۇلازىمىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى «1 ـ ماي» مەزگىلىدە چېگرا ھالقىغان ساياھەت، مال سېتىۋېلىش ساياھىتىنى ھېس قىلىشنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، «يىپەك يولى مۇزىكا ـ ئۇسسۇلى» ناملىق چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر، «گۈلدەك پورەكلىگەن ياشلىق» ناملىق مۇزىكا بايرىمى، شادلىق سەيلە ـ ساياھىتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ـ ساياھەت خاس پائالىيەتلىرى نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. «1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى دەسلەپكى ئىككى كۈندە، بۇ ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ چىققان ئادەم سانى 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. قورغاس چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا، قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن كىرىپ چىققانلار 220 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 3000 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭغا كەلگەن چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەر ئىچىدە، قازاقىستاندىن چېگرا ئارقىلىق كىرگەن ساياھەتچى بارلىق ساياھەتچى مەنبەسى دۆلىتى ئىچىدە باش ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %886.75 ئاشقان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىپ، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئېسىل لىنىيەلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەت بازىرىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلىمەكتە.

2023 ـ يىلى 6 ـ ئايدا قۇرۇلغان جۇڭگو شىنجاڭ . ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى باش بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى جەمئىيەتلىرى، كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق قۇرغان. ئۆزئارا بېرىش ـ كېلىش قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەم تەكشۈرۈش، چېگرا ھالقىغان ساياھەت لىنىيەسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، ئۆزئارا ساياھەتچى ئەۋەتىش... قۇرۇلۇپ بىر يىل بولمايلا، بۇ ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە نامى كەڭ تارقالدى، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قويۇق ۋە جانلىق ئۆتكۈزدى. «ھەمكارلىق ئىتتىپاقى دەل جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ساياھەت كارخانىلىرى ئارىسىدا ساياھەت بايلىقىنى ئۆزئارا تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىدىغان، ساياھەتچىلەرنى ئۆزئارا ئەۋەتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سۇپا» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ.

ۋۇ فېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرى شىنجاڭنىڭ سودا ساياھىتى، داۋالىنىش ـ كۈتۈنۈش ساياھىتى، تەتقىقات ـ ئۆگىنىش ساياھىتى قاتارلىقلارغا ناھايىتى قىزىقىدۇ، جەمئىيىتىمىز بۇ ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى تايانچ ئەزالىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە، تېخىمۇ بازار ئىستىقبالىغا ئىگە ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلماقتا.

شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسى، رەڭدار خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى، خەلق ئەھۋالى قاتارلىقلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىنگاپور خۇايۈن ساياھەت چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنى ئىزچىل مۇھىم مەنزىلگاھ قىلىپ كەلدى، «بۇ يىل، بىز تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە تەشكىللەيمىز، مۆلچەرىمىزچە، بۇلتۇرقىدىن %30 ـ %40 ئېشىشى مۇمكىن.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى لياڭيى مۇنداق دېدى: 5 ـ ئايدا، شىركىتىمىز شىنجاڭغا ئۈچ ساياھەت ئۆمىكى ئەۋەتىدۇ ھەم 9 ـ، 10 ـ ئايدا ئۇدا ئۆمەك ئەۋەتىدۇ، بۇ يىل شىنجاڭغا ساياھەتچى ئەۋەتىش كۆلىمى يىل بېشىدا پىلانلىغان 1000 كىشىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ.

كۈنسېرى قىزىۋاتقان چېگرادىن كىرىش ساياھىتى شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، مۇلازىمەت سەۋىيەسىگە قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىكى ئالاقىدار باشقارما ـ ئىشخانىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش ساياھىتى مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلىدى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت تارماقلىرى ساياھەت مۇلازىمىتىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چېگرادىن كىرىش ساياھىتىنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، چېگرا سىرتى بانكا كارتىسى بېجىرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە تور، تور سىرتى ھالىتىدە قولايلىق ئىستېمال چىقىمى قىلىشقا تۈرتكە بولماقتا؛ ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ساياھەت مېھمانخانىلىرىدا، چەت ئەل كارتىسى POS ئاپپاراتى سەپلەش ۋە چەت ئەل پۇلى ئالماشتۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا، A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويۇشقا مەدەت بەرمەكتە؛ چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياتاقتا يېتىش رەسمىيىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كۈتۈپ تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىپ، چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياتاق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى؛ چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەر بىرقەدەر كۆپ بولغان مەنزىرە رايونلىرىدا كۆپ خىل تىلدىكى ئالدىن كېلىشىش كۆرۈنمە كۆزنىكى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالدىن كېلىشىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىن كېلىشىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى؛ كىرىش بېلىتىنى توردا ئالدىن كېلىشىش، بېلەت سېتىۋېلىشنى يولغا قويغان A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىن مەنزىرە رايونى ئاممىۋى سۇپىسى، APP، كىچىك پىروگرامما قاتارلىق سۇپىلاردا پاسپورت، چەت ئەللىكلەر مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كىملىكى قاتارلىق چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش كىنىشكىسىنىڭ كىرىش بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىپ سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.