تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، 2024 ـ يىلى 4 ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، بىر يىغىندا ئاخىرغىچە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن قايتا يىغىن ئېچىپ قاتلاممۇقاتلام ئورۇنلاشتۇرما قىلماسلىق تەلەپ قىلىندى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈلۈپ، بەش جەھەتتىكى 19 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 96 ناھىيە، شەھەر، رايون، 6600دىن ئارتۇق پارتىيە گۇرۇپپىسى(پارتىيە كومىتېتى، پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى)، 88 مىڭ 800 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىشنى كۈندىلىك خىزمەتكە سىڭدۈرۈشكە، دائىملىق تۇتۇشقا تەشكىللەندى ۋە يېتەكلەندى.

شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، نىشان ـ تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پۇختا باشلىنىشى، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئەينەن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش... شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن مەركەزلىك ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى پۇختا ئېلىپ بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دىققەتنى «نىزام»نى بابمۇباب، ماددىمۇماددا ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، «نىزام»نى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، «نىزام» ئەسلىي تېكىستىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىپ، ۋەزىپە تىزىملىكى ۋە ھەر ئايلىق ئۆگىنىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ، بارلىق خادىملارغا ئۆگىنىش ماتېرىيالى تارقىتىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتى خىزمەت ئەسكەرتمىسى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن سىستېمىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، «شىنجاڭ ئاقىل قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بۇلۇت سۇپىسى»دا «ئاساسىي قانۇن، قانۇن تەشۋىقات ئېيى . پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى» مەخسۇس تېمىسى تەسىس قىلىپ، ئىچىدە «نىزام»غا ئالاقىدار پارتىيە ئىنتىزامى، قانۇن ـ نىزاملارغا ئائىت يېزىق، سۈرەت، سىن قاتارلىق ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئېلان، مىكرو كارتون قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ ئەسەرلىرىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشىگە سۇندى؛ قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەندى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى يېتەكچىلىك قىلىپ ئۆگەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئىبرەت تەربىيەسى بازىسى بايلىقىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى كۆپ مەنبەلىك، تېخىمۇ قولايلىق ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزى يەنە «نىزام»نىڭ ئاۋازلىق كىتابچىسى قاتارلىق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، «نىزام»نى ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئەسلىي تېكىستنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تولۇق تېكىستنى ئۆگىنىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دىكى مۇتەخەسسىسلەرنى «نىزام»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، شەھەر، رايون(ناھىيە)دىكى تۆت يۈرۈش بەنزە ئەزالىرى، تارماق ۋە ئورۇنلار پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، تەشكىلات سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلاردىن بولۇپ 1900دىن ئارتۇق كىشىگە «نىزام»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە بەلگىلىمىلىرى ـ تەلەپلىرىنى سۆزلەپ، «نىزام» بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىزاھلاش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى؛ قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى «نىزام»نى ئۆگىنىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى قومۇل شەھىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى ئىنتىزام بويىچە تەربىيەلەشنى گەۋدىلەندۈردى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى «قانۇنچىللىق سۆھبىتى»نى سۈرەتكە ئېلىپ، «نىزام»نى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، ئىزاھلاشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆگىنىشنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش، قوشماقلىشىپ ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى، چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ياشانغان، تېنى ئاجىز، ھەرىكىتى قولايسىز پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى ياخشى تۇتتى.

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يەنە ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايون بويىچە سوت مەھكىمىلىرى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى (سىن) يىغىنى ئېچىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر ئىبرەت تەربىيەسى فىلىملىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سەگەك بولىدىغان، تۆۋەن چەكنى بىلىدىغان، ئەيمىنىشنى بىلىدىغان قىلدى؛ سانجى شەھىرى دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىپ، تۆت يۈرۈش بەنزە ئەزالىرى، تارماق، ئورۇنلار ۋە يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى)لىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەشكىللەپ، دېلو ئارقىلىق ئەخلاقنى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق قانۇننى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى سۆزلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئىنتىزام ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئىنتىزام كىرىچىنى چىڭىتىش، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.