تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتايلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ يادروسى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تومۇرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز پۇل مۇئامىلىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدىكى «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى سىستېمىلىق بايان قىلىشتىن جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلىنىڭ «ئالتە چوڭ سىستېمىسى»نى تېزدىن بەرپا قىلىپ، «ئالتە چوڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق پۇل مۇئامىلە مۇھىم ئامىلى»نى بېيىتىشنى تەكىتلەشكىچە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، يىراقنى كۆرۈپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە تەشكىلىي سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدە يەنە كۆپلىگەن كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت، جەزمەن دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى ئېنىق تونۇپ، پەرقنى دەل جايىدا تېپىپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپە چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى چىڭ كۆزلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە بازار سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى كۈچەيتىشىمىز؛ خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز؛ پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز؛ ياخشى بولغان پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە مەبلىغى بىلەن تەمىنلىشىمىز؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىسەكلا، چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. بىز پارتىيە پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ھەر مىللەت پۇل مۇئامىلە كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتە تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسەت ئەۋزەللىكى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولساقلا، چوقۇم پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.