تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] قاراماي كېچىسى

     ئاپتور: تەن يۇڭشېڭ
    شىنجاڭ قاراماي نېفىت بىلەن بارلىققا كەلگەن، نېفىت بىلەن گۈللەنگەن، نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپىنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان زامانىۋى يېڭىچە سانائەت شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تونۇلغان.
   قارامايدا مايبۇلاق، دۇنيا موگۇيچېڭ قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان قاراماي دەرياسىنىڭ مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەل.
   قاراماي دەرياسى شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جيۇلۇڭتەندىن باشلىنىپ، ئاخىرىدا شەھەر رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى فېڭچى كۆلىگە قۇيۇلۇپ، خۇددى شەھەر ئىچىدە ئۇسسۇلغا چۈشكەن
يېشىل لېنتىغا ئوخشاش، كىشىلەرگە گۈزەل تەسەۋۋۇر ئاتا قىلىدۇ.
   ھەر قېتىم رەڭگارەڭ چىراغلار يېقىلغاندا، رەڭگارەڭ چىراغلار قاراماي دەرياسى يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، شەكلى ھەر خىل كۆۋرۈكلەر كېچە ئاسمىنىدا جۇلالىنىپ، نېفىت شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل كېچىسىنى نامايان قىلىدۇ.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى فوتوگرافلار جەمئىيىتى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.