تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

«باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكىگە ئوخشاش پاسۇندىكى كىيىم-كېچەكلەر» «ئالقىشقا ئېرىشكەن كىيىم-كېچەكلەر»گە ئايلاندى! ئەتلەس كىيىم-كېچەكلەر ئالقىشقا ئېرىشتى

يېقىندا

#دىلرابانىڭكىگە ئوخشاش پاسوندىكى مىللىي كىيىم-كېچەك ئالقىشقا ئېرىشتى#

مۇشۇنىڭدەك تېمىلار ۋېيبودا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

  

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى

«2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ

قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسىدە

دىلرابانىڭ ئۇچىسىغا كىيگەن ئەتلەس كىيىمى ۋە زىننەت بۇيۇملىرى

پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى

«باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكىگە ئوخشاش پاسۇندىكى كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى»

ھازىر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكانلىرىدا ھەممىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەتكە ئايلاندى

قەشقەر ساياھىتىنىڭ سىجىل جانلىنىشى

ئەنئەنىۋى ئەتلەس كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى

ماتېرىيال سۈرەت.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنىدا ساياھەتچىلەر گىرىم قىلدۇرماقتا.

قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاڭ يۈخاڭ فوتوسى

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىن كېيىن

ئەتلەس كىيىم-كېچەكلەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ سېتىۋالىدىغان ۋە زاكاز قىلىدىغان

ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى

نۇر مەمەت ئەسلىدە

قەشقەر شەھىرىدە رەقەملىك مەھسۇلاتلار دۇكىنى ئاچاتتى

ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنىدا ئەتلەس كىيىم-كېچەك قاتارلىق

ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى ئىجارىگە بېرىش ۋە زاكاز قىلىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ

ئۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە

مىللىي كىيىم-كىچەك ئۇنىۋېرسال دۇكىنى ئاچتى

   نۇر مەمەت مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن دۇكاندا 4000 يۈەن ئەتراپىدا ئەتلەس كىيىم-كېچەك ۋە مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى ساتاتتىم، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، تىجارىتىم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، كۈنىگە 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئەتلەس كىيىم-كېچەك ۋە مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى ساتىدىغان بولدۇم».

بۈگۈنكى كۈندە

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ھەممىلا يىرىدە

مىللىي كىيىم-كېچەك كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان ساياھەتچىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ

فوتوگراف ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتماقتا.

قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاڭ يۈخاڭ فوتوسى

بۇنىڭدىن باشقا

شۇ جايدىكى رەخت بازارلىرىمۇ

يىپەك ئەتلەس

ۋە زاكاز قىلىنغان تەييار كىيىمگە قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

بۇ يەردە

قولدا توقۇلغان يىپەك ئەتلەستىن تىكىلگەن بىر يۈرۈش تەييار كىيىمنىڭ باھاسى

نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ

دۇكاندار يەنە رەخت تاللاش، ئۆلچەملىك تىكىش،

تەييار كىيىمنى پوچتىدىن ئەۋەتىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى «گۈلىنىڭ ئۆيى»دە، ئارتىسلار ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېڭ تىڭتىڭ فوتوسى 

بۇنىڭدىن باشقا

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە قەشقەر شەھىرىدە «قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن»دىن

يەنە ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى بار

ساياھەتچىلەر ساپال بۇيۇملارنى ئۆزى ياسىسا بولىدۇ

بىر پارچە لاينى ئېلىپ ئايلىنىۋاتقان ساپال تەخسىگە قويۇپ

ئىككى قولنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپتىن تىرەپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن بېسىپ

ساپالنى ئاستا-ئاستا شەكىلگە كىرگۈزىمىز

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئايلىنىپ ھېرىپ كەتسىڭىز

ئۇنداقتا يۈز يىللىق كونا چايخانىغا كىرىپ ئارام ئالغاچ

بىر ئىستاكان ئۆزگىچە چاي، ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ

بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ يۇمشاق، تاتلىق پېچىنە-پىرەنىكلەردىن يىگەچ

گۈزەل چاغلاردىن بەھرىلىنەيلەيسىز

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كەچلىك بازىرىمۇ

بەك قىزىيدۇ

قېتىق زۇڭزا، چوڭ قازان پولۇسى

چۈرۈك، تاتلىق تاۋۇز ۋە قوغۇن

بۇ يەردە

ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىغا بولغان

​ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

قەشقەرگە بېرىپ داكا قىلدىڭىزمۇ؟

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، ئۇنىۋېرسال ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، قەدىمىي شەھەر ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، قەشقەر رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.