تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بۇنداق «كىچىك قارا چېكىت»تىن ئېھتىيات قىلىڭ!

   مۇتەخەسسىس  ئەسكەرتمىسى: ئەتىياز ۋە يازدا ساياھەتكە چىققاندا بۇنداق «كىچىك قارا چېكىت»تىن ئېھتىيات قىلىڭ

   «1 - ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئائىلىلەر سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تەبىئەتكە يېقىنلىشىش بىلەن بىللە، بۇنداق «كىچىك قارا چېكىت»تىن ئېھتىيات قىلىش _______ دالا پائالىيىتى قىلغاندا سالجا چېقىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

   ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، سالجا ھەر يىلى 4 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئەڭ جانلىنىدۇ، ئادەتتە ئوت - چۆپ، ئورمان قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قويۇق ئۆسكەن جايلاردا پەيدا بولىدۇ. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورنى ئېلان قىلغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، سالجا 83 خىل ۋىرۇسلۇق، 31 خىل باكتېرىيەلىك ۋە 32 خىل پروتوزوئا خاراكتېرلىك كېسەللىكنى تارقىتىدىكەن.

   بېيجىڭ داشۆ قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى شۈ جىڭخاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سالجا كۆپ خىل ۋىرۇس، باكتېرىيە، رىككېتسىيە قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى ئېلىپ يۈرىدۇ، ئادەم بەدىنىنى چېقىۋالغاندىن كېيىن كۆپ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر (مەسىلەن، قىزىتمىغا قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش يىغىندى ئالامىتى، ئورمان مېڭە ياللۇغى)، بۇرمىسىمان تەنچە يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر (مەسىلەن، لىمې كېسىلى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   «بۇ كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە قىزىتما بولىدۇ، لېكىن كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرىدە ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.» شۈ جىڭخاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سالجا چېقىۋالغاندىن كېيىن، قىسمەن كېسەللىكلەرنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر ئايغا يېتىدىكەن. ئەگەر بەدەنگە قادىلىۋالغان سالجا ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتىدە قىزىش، ئەسۋە چىقىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش، باش ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك ئىكەن.

   شۈ جىڭخاڭ مۇنداق دېدى: بەدەنگە چاپلىشىۋالغان سالجىنى ۋاقتىدا ئېلىۋەتكەندە يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. موچىن بىلەن ئىمكانقەدەر تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، سالجىنى قىسىپ تارتىپ چىقىرىپ، چېقىۋالغان ئورۇننى تېزدىن دېزىنفېكسىيە قىلىش ھەمدە قولنى يۇيۇش كېرەك.

   سالجىنىڭ ئېغىز قوشۇمچە قىسمىدا تەتۈر تىكىنى بولغاچقا، تىكىنىنى تېرىگە سانجىپ قان شورىغاندىن كېيىن تارتىپ چىقىرىش ناھايىتى تەس. بېيجىڭ داشۆ قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ليۇ سى مۇنداق دېدى: ئەگەر سالجا بەك چىڭ چاپلىشىۋالسا، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن. قېقىپ ئۇرۇش، قاتتىق تارتىش ياكى تاماكا قالدۇقى بىلەن كۆيدۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا سالجىنىڭ ئېغىز قوشۇمچە قىسمى ئاسانلا تېرە ئىچىدە قالىدۇ.

   سالجىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتا، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس. شۈ جىڭخاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەگەر دالىدا قونغاندا، پىيادە سەيلە قىلغاندا، ئامال بار ئۇزۇن يەڭ كىيىم، ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ، تېرىنى ئىمكانقەدەر ئوچۇق قويماسلىق؛ كىيىم ـ كېچەكلەرنىڭ سۇس رەڭلىكىنى تاللاپ كىيىپ، سالجىنى بايقاشقا قولايلىق يارىتىش؛ سالجا ماكانلاشقان جايدا ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش؛ تەركىبىدە پاشىدىن ساقلىنىش ئامىن تەركىبى بولغان پاشىدىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقى ئىشلەتسىمۇ سالجىنىڭ چېقىشىنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئوت ـ چۆپلۈكتە، ئورمان قاتارلىق جايلاردا ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، ئاتا ـ ئانىلار بالىلارنىڭ يالىڭاچ تېرىسىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى، قۇلاق كەينى، بوينى قاتارلىقلارنىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، سالجىنىڭ يوشۇرۇنۇۋېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.